• مەزى بېزى ئېلانى
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · خانىم-قىزلار تېرىسىنى قانداق ئاسرىشى كېرەك؟
  • · بالىلارنىڭ بويى پاكار بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەپلىرى
  • · بالىلارنى دۆتلەشتۈرۋېتىدىغان ئادەتلەر...
  • · بالىلارنى دۆتلەشتۈرۋېتىدىغان ئادەتلەر...
  • · بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك
  • · بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇش ئادىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك
  • · بالىلاردىكى كۆك يۆتەل
  • · بالىلاردىكى قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش
  • · بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىقى
  • · بالىلاردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش
  • · بالىلاردىكى سىيگەكلىك كېسىلى
  • · بالىلار 6 ياشتىن بۇرۇن كىكەچلىسە ئەنسىرمەڭ
  • · بالىلارنىڭ ئۇيۇنچىقى قانچە ئاز بولسا شۇنچە ئەقىللىق بولىدۇ
  • · بوۋاق قىزىپ قالغاندا قىزىتمىسىنى قانداق چۈشۈرۈش كېرەك
  • · بالىلاردىكى قۇلاق ئاغرىش كېسىلى
  • · بالىلار نىمە ئۈچۈن ئاسان زۇكام بولىدۇ
  • · بالىلار ئائىلە زوراۋانلىقىنى دائىم كۆرۈۋەرسە
  • · بالىڭىزدىكى تېلىۋىزور كېسىلىگە دىققەت قىلىڭ
  • · تىراخۇمانىڭ ئالدىنى ئېلىش
  • · بالىڭىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە ئاسان گىرىپتار بولۇشىنىڭ سەۋەبى
  • · بالىلارنىڭ چوڭ تەرىتىدىن كېسەلنى پەرق ئېتىش ئۇسۇلى
  • · قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بويى ئىگىز بولىدۇ
  • · قورقۇش ۋە بالىلارنىڭ خاراكتېرى
  • · بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز
  • · بالىلار مىتال بۇيۇملارنى يۇتىۋالسا قانداق قىلىش كېرەك
  • · بالىلار ئۆپكە سىلى
  • · بالىلارنىڭ بويۇن بەز سىلى
  • · بالىلارنىڭ چىشىنى ئاسىراڭ
  • · سىل كېسىلى تارقالغاندا بالىڭىزنى ئادەم كۆپ جايغا ئاپارماڭ
  • · بالىلارنى سۈتتىن ئايرىغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك
  • · بالىلارنىڭ نىمە ئۈچۈن شۈلگىيى ئاقىدۇ ؟
  • · پۇرچاق سۈتى قايناتقانداق شىكەر قوشۇش بالىلارغا زىيانلىق
  • · بالىلاردىكى كىندىك ياللۇغى
  • · بالىلارغا گۆش بېرىش توغرىمۇ ؟
  • · بالىلارنىڭ قۇلىقىنى ئاسىراڭ
  • · بالىلاردىكى تۇغما سىفلىس
  • · بالىلارنىڭ زىيادە كۆپ ئۇخلىشى زىيانلىق
  • · بالىلاردىكى قىزىل چىقىش
  • · بالدۇر تۇغۇلۇش
  • · يېڭى تۇغۇلغان بالا تۇنجۇقۇپ قېلىش
  • · يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قاناش
  • · كىندىك قاناش
  • · بوۋاقلاردىكى جىنسىي يول قاناش
  • · يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىكى كۆز ئاغرىقى
  • · كېندىك ياللۇغى
  • · مەقەت پۈتەيلىكى
  • · بالىلاردىكى كۆز ئاغرىقى
  • · بالىلاردىكى كۆزگە ئاق چۈشۈش
  • · بالىلاردىكى قۇلاقتىن يىرىڭ ئېقىش
  • · بالىلاردىكى تولغاق
  • بالىلاردىكى راخت كېسىلى
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 10:47 11-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 1306
    مەھسۇلات ئىسمى

    بۇ بالىلار سۆڭىكىنىڭ تەبىئىي سۈپەتتە قېتىشماسلىقى ۋە نورمال ئۆسۈپ يېتىلمەسلىكى بىلەن ئىپادىلىنىغان كېسەللىك بولۇپ، سۆڭەكتىكى ئۆزگىرىشنى ئاساس قىلغان ھالدا پۈتۈن بەدەندە ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا ۋە ئېيىغا توشماي تۇغۇلغان بالىلاردا ئاسانراق پەيدا بولىدۇ. 

    سەۋەبى: راخت كېسىلى ئاساسەن بالىنى پەرۋىش قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى، بەزىبىر مۇھىم ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە بالىلارنىڭ بەدىنىنى ئاجىزلاشتۇرغۇچى باشقا سوزۇلما كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

    1. پەرۋىش قىلىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى: بالا ئانا قورسىقىدىكى ۋاقتىدىنلا ئانىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولالماسلىقى سەۋەبلىك تۆرەلمە تەرەققىياتىنىڭ كېچىكىشى ۋە ئاجىز بولۇشى، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىگە قانماسلىقى، ئەمچەك يېشىغا توشقانغا قەدەر ئانىنى ئىمەلمەسلىكى ياكى ئانىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناچارلىق سەۋەبلىك بالىنىڭ بەدىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇقىنى قوبۇل قىلالماسلىقتىن بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ. بالىنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرىمەن دەپ بالىنىڭ ئاشقازىنى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان ۋاقىتتا مايلىق كۈچلۈك ۋە يىرىك تاماقلارنى بېرىش بىلەن بالىنىڭ ھەزىم قىلىش خىزمىتى بۇزۇلۇپ يېگەن-ئىچكەنلىرى بەدەنگە سىڭمەسلىك نەتىجىسىدىمۇ بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ.

    سۆڭەك تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ھايۋانىي غىزالار مەسىلەن: تۇخۇم، سۈت، قايماق، گۆش، بېلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ تۇرماسلىق، ھەزىم قۇۋۋىتى ياخشى، تەن قۇرۇلۇشى تېمەن بولسىمۇ ناچار ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوزۇقلىنىش، ئۇنىڭدىن باشقا، بالىنىڭ بەدىنى تېز ئۆسۈۋاتقان، بەدەن ئوزۇقلۇققا تازا مۇھتاج بولۇۋاتقان كۈنلەردە ئۇزاققىچە ئاچ قېلىش نەتىجىسىدىمۇ بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ. 

    ئوزۇقلىنىش بىر قەدەر ياخشى بولغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ بالىلارنى مۇۋاپىق كۈن نۇرىدا پايدىلاندۇرماسلىق، ئۇزاق مۇددەت كۈن نۇرى مۇۋاپىق چۈشمەيدىغان ھاۋاسى ناچار، قاراڭغۇ ۋە زەي ئۆيلەردە بېقىش نەتىجىسىدىمۇ بۇ كېسەل كېلىپ چىقىدۇ. 

    2. بالىلارنىڭ بەدىنىنى ئاجىزلىتىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىش نەتىجىسىدىمۇ بالىنىڭ ھەزىم قىلىشى بۇزۇلۇپ، يېگەن-ئىچكەنلىرى بەدىنىگە ئۆزلەشمەي ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك يۈز بېرىپ راخت كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. 

    ئالامىتى: دەسلەپكى دەۋردە بالىنىڭ ئۆسۈش تەرەققىياتى ئاستا بولىدۇ، ئاشقازىنى ئاجىزلىشىدۇ. يىغلاڭغۇ، ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۆپ تەرلەيدۇ، بېشىنى ياستۇققا كۆپ سۈركەپ باش ئارقىسىنىڭ چېچى چۈشۈپ كېتىدۇ. 

    سۆڭەكلىرىدىكى ئۆزگىرىش: تۇغۇلۇپ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە باش سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولىدۇ، بەزى بالىلارنىڭ بېشى چوڭىيىپ كېتىدۇ، باش سۆڭەكلىرى يۇمشاپ، قول بىلەن باسسا لۆمۈلدىگۈدەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ بېشى سوقىچاق، بەزىلىرىنىڭ چاسا ھالقا شەكلىگە كېلىپ، باش چاكىلىرى پۈتمەيدۇ. بېشىدىكى كىچىك بولاقچىنىڭ قېتىشىمۇ كېچىكىدۇ، پۇت-قوللىرىنىڭ سۆڭەكلىرى شەكىل ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. قولنىڭ بىلەيزۈك بوغۇمى، پۇتنىڭ ئوشۇقلىرى ۋە قوۋۇرغىلىرىنىڭ بوغۇملىرى يوغىناپ كېتىدۇ. كۆكرەكنىڭ ئىككى يېنى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ تۆش سۆڭىكى تومپىيىپ ئالدىغا چىقىپ توخۇ كۆكرەك بولۇپ قالىدۇ. بەزىلىرىدە تۆش سۆڭەك ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ ئويمان كۆكرەك ھاسىل بولىدۇ. ئېغىرلىرىدا ھەتتا ئومۇرتقا سۆڭەكلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇپ يان ياكى ئارقا تەرەپلەر تومپىيىپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بالىنىڭ ئايىغى چىقىشمۇ كېچىكىدۇ، ئايىغى چىققاندىن كېيىن بولسا ئىككى پاقالچاق سۆڭەكلىرىنىڭ ياخشى قاتمىغانلىقى ۋە ياخشى تەرەققىي قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن پاچىقى ئەگرى بولۇپ لەيلەپ ماڭىدۇ، بەزىسى تاش مايماق بەزىسى ئىچ مايماق بولىدۇ. 

    چىشتىكى ئۆزگىرىشى: دەسلەپكى ۋاقىتلاردا چىشنىڭ چىقىشى كېچىكىپ كېتىدۇ، چىش چىققاندىن كېيىن چىشنىڭ چىقىش ئارىلىقى بەك يىراقلىشىپ قالىدۇ، ھەتتا بەزىلىرىدە ئۈچ يېرىم ياشقا كىرگۈچىمۇ چىشى تولۇق چىقىپ بولالمايدۇ. سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن چىشنى ئوڭاي قۇرت يەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. 

    بەدەن مۇسكۇللىرىدىكى ئۆزگىرىش: بالىنىڭ بەدەن مۇسكۇللىرى بەك يۇمشاق، ئاجىز بولۇپ تەرەققىياتى ياخشى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن كۆپىنچە ئاغرىق بالىنىڭ قورسىقى بوشىشىپ، تومپىيىپ پاقا قورساق بولۇپ قالىدۇ. 

    نىرىپتىكى ئۆزگىرىش: كېسەل بالا تولا بىئارام بولىدۇ، تىنىچسىزلىنىدۇ، ئەقىل ۋە ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا ۋە تۇراقسىز بولىدۇ.

    ئىچكى ئەزالاردىكى ئۆزگىرىشى: قىسمەن كېسەللەردە كۆكرەك قەپىزىنىڭ ئىچىگە تۈپەيلىدىن ئۆپكە بېسىلىشقا ئۇچراپ، نەپەسلىنىشتە قىيىنچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئاشقازان ئۈچەيلەر بوشىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن بەدەنلىك ئۆزگىرىش بولۇپ، كېسەل بالا ئىنتايىن ماغدۇرسىزلىنىدۇ. كۈنسېرى ئورۇقلاپ قېرى چىراي بولۇپ قالىدۇ. 

    داۋالاش پرىنسىپى: ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاپ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ سۆڭەكنى چىڭىتىش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

    يەككە دورا بىلەن داۋالاش: 

    1-رېتسىپ: بادام، نوقۇت، خاسىڭ، چىلغۇزا، نارجىل، قىزىل ئۈزۈم، پىندۇق، باقىلە، ئەنجۈر ۋە خورمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرۇلسا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ راخت كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 

    2-رېتسىپ: سۇماق، بېھى، ھېلىلە، مېھرىگىياھ، بەلىلە، پۇفەل ۋە تېرىق قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلدۇرسا ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. 

    3-رېتسىپ: تۇخۇم شاكىلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، قازاندا سەل سارغايتىپ قورۇپ، ئۇندەك يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ياكى قىزىل گۈلقەنتكە ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىستېمال قىلدۇرۇلسا راخت كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

    4-رېتسىپ: تاتلىق ياڭيۇدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئوتتا پىشۇرۇپ، پوستىنى سۇيۇۋېتىپ، تەڭ مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلدۇرۇلسا راخت كېسىلىگە شىپا بولىدۇ. 

    مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش: قىزىلگۈل گۈلقەنت، ماددەتۇلھايات، ھالۋائى بەيزە، خېمىرى مەرۋايىت، جاۋارىش كومۇنى، ئانار شەربىتى، ئەۋرىشىم شەربىتى، ئەرقى مائۇللەھمى، شەربىتى زەبىب قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ بېرىلىدۇ. 

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ساغلام كالىنىڭ سۈتىنى قائىدە بويىچە قاينىتىپ شېكەر قوشۇپ، بالا كۆتۈرەلىگۈدەك ئىچكۈزۈش. بېلىق، تۇخۇم، قوي گۆشى، قايماق ۋە باشقا قۇۋۋەتلىك غىزالار بىلەن بېقىش. ھايۋانات جىگىرى ۋە ياش پاقلان مېڭىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا يېگۈزۈش، كۆكتات قىيمىسى ۋە كۆكتات شورپىسىلىرىنى داۋاملىق بېرىپ تۇرۇش، سۇيۇق-سەلەڭ، قۇۋۋەتسىز تاماقلاردىن پەرھىز قىلدۇرۇش لازىم. 

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • ئادەمگىياھ قۇۋۋەت كومۇلىچى
    ئادەمگىياھ قۇۋۋەت كومۇلىچى
  • جۈيمېي يۈز يۇيۇش مەلھىمى
    جۈيمېي يۈز يۇيۇش مەلھىمى
  • يېڭى يوپۇرماق ئەرلەر يۈرۈشلىكى
    يېڭى يوپۇرماق ئەرلەر يۈرۈشلىكى
  • ئېنىرجىي ئەرلەر يۈرۈشلۈكى
    ئېنىرجىي ئەرلەر يۈرۈشلۈكى
  • ماكا بۆرەك قۇۋەتلەش تابلىتى
    ماكا بۆرەك قۇۋەتلەش تابلىتى
  • كۆز ئاسىراش كۆز چاپلىقى
    كۆز ئاسىراش كۆز چاپلىقى
  • ئونىۋېرسال كۆزەينەك 5 چىكىت
    ئونىۋېرسال كۆزەينەك 5 چىكىت
  • ئونىۋېرسال كۆزەينەك 8987
    ئونىۋېرسال كۆزەينەك 8987
  • خانىم-قىزلار كۆزەينىكى 9116
    خانىم-قىزلار كۆزەينىكى 9116
  • ئونىۋېرسال كۆزەينەك 8973
    ئونىۋېرسال كۆزەينەك 8973
  • مېڭە قۇۋەتلەش يۇمشاق كاپسۇلى
    مېڭە قۇۋەتلەش يۇمشاق كاپسۇلى
  • بوي ئۆستۈرۈش تابلىتى
    بوي ئۆستۈرۈش تابلىتى
  • ئاشقازاننى ياخشىلاش كاپسۇلى
    ئاشقازاننى ياخشىلاش كاپسۇلى
  • سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
    سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
  • قەۋزىيەت ۋە ئورۇقلىتىش مېۋىسى
    قەۋزىيەت ۋە ئورۇقلىتىش مېۋىسى
  • سۇلۇ قۇۋۋەت تالقىنى
    سۇلۇ قۇۋۋەت تالقىنى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئەۋرەت ھوردىقى
    ئەۋرەت ھوردىقى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • پۇتنى قىزىتىپ داۋالاش ساندۇقى
    پۇتنى قىزىتىپ داۋالاش ساندۇقى
  • بويۇن، مۈرىنى قىزىتىپ داۋالاش
    بويۇن، مۈرىنى قىزىتىپ داۋالاش
  • توكقا چېتىپ قىزىتىدىغان بەللىك
    توكقا چېتىپ قىزىتىدىغان بەللىك
  • پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ئۈسكىنىسى
    پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ئۈسكىنىسى
  • ئۆزلىكىدىن قىزىتىدىغان تىزلىق
    ئۆزلىكىدىن قىزىتىدىغان تىزلىق
  • چاچ چۈشۈشنى توختىتىش سوپۇنى
    چاچ چۈشۈشنى توختىتىش سوپۇنى
  • تەمرەتكە يوقىتىش شاھى
    تەمرەتكە يوقىتىش شاھى
  • چاچ چۈشۈشنى توختىتىش سوپۇنى
    چاچ چۈشۈشنى توختىتىش سوپۇنى
  • ئىمپورت قىلىنغان قولتۇق ماي
    ئىمپورت قىلىنغان قولتۇق ماي
  • چاچ قارايتىش سوپۇنى
    چاچ قارايتىش سوپۇنى
  • ئاياللار مۇتەخەسىسى
    ئاياللار مۇتەخەسىسى
  • قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش ئىچىملىكى
    قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش ئىچىملىكى
  • ئاياللار تۇخۇمدان ياشارتىش گۆھىرى
    ئاياللار تۇخۇمدان ياشارتىش گۆھىرى
  • ھالە بى بى كۆكرەك گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى
    ھالە بى بى كۆكرەك گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号