تەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى 60 گرام، ھېلىلە كابىلى پوستى 25 گرام، ئامىلە پوستى 25 گرام، بىنەپشە 12 گرام، گۈلھەمشىباھار ئۇرۇقى 12 گرام، بابۇنە 12 گرام، سەرسىبىل 12 گرام، چۆبىچىن 25 گرام، قىزىلگۈل 12 گرام، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى 12 گرام، يەرباغرى 25 گرام، ئۇستقۇددۇس 20 گرام، نېلۇپەر 12 گرام، گاۋزىبان ھىندى 12 گرام، كاسىنە يىلتىزى 12 گرام، سۇزاپ ئۇرۇقى 12 گرام، چىلان 60 گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 12 گرام، ئەينۇلا 100 گرام، زەرچىۋە 12 گرام، ئەفتىمۇن 25 گرام، سانايى مەككى 45 گرام، تەرەنجىبىن 250 گرام، شېكەر 500 گرام، بادام يېغى 20 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، ئەفتىمون، تەرەنجىبىن، خىيارشەنبەر قاتارلىق دورىلارنى ئايرىم چىلاپ، ئايرىم چىلانغان دورىلارنى قاينىتىلغان دورىلارغا ئارىلاشتۇرۇپ 5-10 مىنۇت دۈملەپ قويۇپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ 1000 گرام شەربەت ئېلىنىدۇ. ئاندىن كېيىن بادام يېغىنى قويۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ زىدىسى، بالىياتقۇ راكى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، تۇرۇبا يولى ياللۇغى، جىنسىي يول ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىق يەلدىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-150 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号