تەرىپى: قۇرسى دورىلار بىر ياكى بىرقانچە خىل دورا تالقىنىغا بەزى مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى قوشۇپ، قايناق سۇ ياكى مۇۋاپىق ئەرەقلەر بىلەن خېمىر قىلىپ يۇمىلاق تۈگمە شەكلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدىغان دورا ياسالمىسىدىن ئىبارەت.
قۇرسى دورىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى: قۇرسى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە قۇلايلىق.
قۇرسى دورىلارنىڭ يېتەرسىزلىكى: قۇرسى دورىلار كىچىك بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا قۇلايسىز بولۇپ ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلسە ھەزىم بولماي ئەكس تەسىر بېرىدۇ. بۇ خىل ئەكس تەسىرنى تۈزىتىش ئۈچۈن يۇمشاق چايناپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
قۇرسى دورىلارنى تەييارلاش ئۇسۇلى: قۇرسى دورىلار تەركىبىدىكى يەككە دورىلارنىڭ سان-سۈپىتىگە ۋە ئۈنۈمىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش ۋە قۇرسى دورىلار تەركىبىدىكى يەككە دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ ۋە مۇناسىپ ئەرەق ياكى ئىسپىغۇل، بىھى ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنىڭ لوئابى بىلەن يۇمىلاق تۈگمە شەكلىدە قۇرسى قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号