جىگەر ئىششىقى بولسا، جىگەرنى تۇتۇپ تۇرغۇچى پەردىدە ياكى جىگەرنىڭ ئۆزىدە پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئالتە تۈرگە بۆلىنىدۇ.
ئىششىق جىگەر پەردىسىدە بولسا ئادەتتە جىگەر خىزمىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ.
1) قاننىڭ ئۆزگىرىشىدىن بولغان جىگەر ئىششىقى.
ئالامىتى: كېسەلنىڭ جىگەر ساھەسىدە چىڭقىلىپ ئاغرىش، بىرئاز نەپەس قىستاش، سۈيدۈكى قىزىلغا مايىل كېلىش، بېشى چىڭقىلىش، تىلى قىزىرىش، قول پۇتلىرى ئېغىرلىشىش، قىزىش، قۇرۇق يۆتەل، ھۆ بولۇش، قۇسۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئېغىزى تاتلىق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يۆتىلىدۇ، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ ياتالمايدۇ. ئوڭ تاغاق مۈرە ساھەلىرىدىمۇ تېلىپ ئاغرىش بولىدۇ.
2) غەيرىي سەپرادىن بولغان جىگەر ئىششىقى
ئالامىتى: ئۇسسۇزلۇقى كۆپ بولۇش، جىگەر ساھەسى ئېچىشىپ ئاغرىش، قىزىتما، جۇغ جۇغ بولۇش، چىرايى، كۆز ئېقى، تىلى، سۈيدۈكى سېرىق بولۇش، تومۇرى ئىنچىكە تېز سوقۇش، غەم ئەندىشە ھەم ئاچچىقى يامان بولۇش، كېسەللىكنىڭ ئاخىرىدا بىمارنىڭ تىلى قارا گەز باغلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى: سەپرا خىلىتىنىڭ جىگەردىن ئۆتكە ئۆتۈشى راۋان بولماي، جىگەردە توپلىنىپ قېلىشىدىن ياكى سەپرانى كۆپەيتىدىغان ئوزۇقلۇقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن، كۈچلۈك جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن كۆپ شوغۇللىنىشتىن، ھاۋا كىلىماتى بەك ئىسسىق، قۇرۇق جايلاردا ئۇزاق مۇددەت ياشاش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
3) غەيرىي بەلغەمدىن بولغان جىگەر ئىششىقى
ئالامىتى: چىرايى، تىلى، سۈيدۈكى ئاق بولىدۇ. بىمار ناھايىتى بوشاڭ، روھسىز، ئۇيقۇسى كۆپ، ئېغىزىنىڭ تەمى بەتتەم ( تېتىقسىز)، ئىشتىھاسى كەم، جىگەر ساھەسىدە ئېغىرلىق بولۇش، تۇتقاقلىق، تېلىپ ئاغرىش، لەۋلىرى ئاق گەز بولۇش، ئالىقان ھەم پۈتۈن بەدەن سوغۇق تەرلەپ تۇرۇش، ئەتىگەندە قۇرۇق ھۆ بولۇش، بەزىدە ئاق مازغاپ ياندۇرۇش، يۈرەك ھەرىكىتى ئاستا بولۇش، بەدەن سوۋۇش، تپان قىزىش، ئاخىرىدا كۆزدىن باشلاپ پۈتۈن بەدەن ساغىرىش، بەدەن قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى: جىگەر مىزاجىنىڭ ھۆللۈك ۋە سوغۇقلۇقى ئېشىپ، جىگەر خىزمىتىنىڭ زەئىپلىشىشى نەتىجىسىدە، جىگەردىكى ماددىلارنىڭ قويۇلۇپ بۇزۇلۇشى بىلەن غەيرىي سەپرالىق ئۆزگىرىپ، جىگەرنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن بولىدۇ.
4) غەيرىي سەۋدادىن بولغان جىگەر ئىششىقى
ئالامىتى: كېسەلنىڭ چىرايى، تىلى، سۈيدۈكى سارغۇچ كۆكۈش بولۇپ قالىدۇ. دىماغ قۇرۇيدۇ، ئېغىز تەمى چۈچىمەل، ئۇيقۇسى كەم، تومۇرى ئاستا، قاتتىق بولىدۇ. جىگەر ساھەسىدە قاتتىقلىق بولىدۇ. كېسەل قول پۇتىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىدىن ھەمدە ئىسسىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. ئىشتىھا بولمايدۇ. قەۋزىيەت بولىدۇ. كېسەل كۈندىن كۈنگە ئورۇقلاپ كېتىدۇ. كۆپىنچە كەچتە ھۆ پەيدا بولىدۇ، مەيدە ئېسىلىدۇ، كۆكۈش سۇ ياندۇرىدۇ.
سەۋەبى: جىگەر بىلەن تال ئوتتۇرىسىدىكى ياكى تال بىلەن ئاشقازان ئوتتۇرسىدىكى تومۇرلاردا توسالغۇ پەيدا بولغاندىن بولىدۇ.
5) جىگەرنىڭ يەللىك ئىششىقى
ئالامىتى: جىگەر ساھەسىدە تېلىپ، چىڭقىلىپ ئاغرىش بولىدۇ ھەم ئېغىرلىق ھېس قىلىدۇ. قىزىتما بولمايدۇ. بۇ ئاغرىق جىگەردە ھەم جىگەرنى تۇتۇپ تۇرغۇچى پەردىدە يۆتكىلىپ تۇرىدۇ. تومۇرى بوش، ئاستا، سۈيدۈكى سارغۇچ، كۆپۈكلۈك بولىدۇ.
سەۋەبى: جىگەر ھارارىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن جىگەرنىڭ ھەزىم كۈچى ئاجىزلاشقانلىقىدىن ھەمدە يەللىك تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندىن، جىگەردە ھەم پەردىلەردە شىلىمشىق خىلىتلارنىڭ پەيدا بولۇپ تارقاپ كېتەلمەسلىكىدىن جىگەر كۆپۈپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا جىگەرنىڭ يەللىك ئىششىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
6) ئۇرۇلغان ياكى يېقىلغاندىن بولغان جىگەر ئىشششىقى
ئالامىتى: ئۇرۇلغان ياكى يېقىلغاندا زەخىملەنگەن ئورۇن كۆكۈش، قاتتىق ئىششىق پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号