ۋاكالەتچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

يوللىغان ۋاقتى:2020-08-17 17:39:26

شىركىتىمىزگە ۋاكالەتچى بولۇپ كىرگەن بارلىق ۋاكالەتچىلەرگە:

تۆۋەندە تور سودا شەھەرچىمىزدە نورمال مەشغۇلات قىلىش، باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش، مەھسۇلات سېتىۋېلىش، جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىش، كۈندىلىك يوقلىمىغا قاتنىشىش ۋە تور سودا شەھەرچىمىز ئارقىلىق قانداق پۇل تېپىش ئۇسۇللىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرىلىدۇ. 


1. ۋاكالەتچىلىك باھاسىدا مال سېتىۋېلىش قەدەم باسقۇچلىرى:

سىز سودا شەھەرچىمىزگە ۋاكالەتچى بولۇپ كىرگەندىن كېيىن بارلىق مەھسۇلاتلارنى ۋاكالەتچىلىك باھاسىدا ئالالايسىز. قانداق ئالىمىز دىگەندە ئالدى بىلەن سىز سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنى چېكىپ كىرگەندىن كېيىن ئالتۇن ۋاكالەتچى بىلەن كۈمۈش ۋاكالەتچىگە ھەرقايسى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ئەسلى باھاسىدا كۆرۈنىدۇ (پارچە سېتىش باھاسىدا). پەقەت ئالماس ۋاكالەتچىلىگىلام ۋاكالەتچىلىك باھاسىدا كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىقتىدارنى ھازىرچە پەقەت ئالماس ۋاكالەتچىلەرگىلام قوشقىلى بولدى. ئالتۇن ۋاكالەتچى بىلەن كۈمۈش ۋاكالەتچىلەرگە بۇ ئىقتىدارنى قوشقىلى بولمىدى. بىزمۇ جىق كۈچىدۇق.

ئالتۇن ۋاكالەتچى بىلەن كۈمۈش ۋاكالەتچى مال سېتىۋالماقچى بولسا دەسلەپتە ئەسلى باھاسىدا پۇل ئۇرىدۇ. پۇلنى ئۇرۇپ بولۇپ 5 كۈندىن كېيىن شۇ مالنىڭ ۋاكالەتچىلىك پايدىسى سىزنىڭ مۇشۇ سودا شەھەرچىمىزدىكى ھېساباتىڭىزغا ئاپتۇماتىك ھالدا قايتىپ كېتىدۇ. بۇ قايتىپ كەتكەن پايدىنى سىز خالىغان ۋاقىتتا چىقىرىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بىز تەستىقلاپ سىزگە يوللاپ بېرىمىز. (بۇنىڭدىن تولۇق خاتىرجەم بولۇڭ. ۋاكالەتچىلىك پايدىڭىزنى بىر موچەننىمۇ كەم قىلماي سىزگە يوللاپ بېرىمىز.)

ئالماس ۋاكالەتچىلەر سودا شەھەرچىمىزدىن مەھسۇلات سېتىۋالماقچى بولسا ئالماس ۋاكالەتچىلىك باھاسىدا پۇل ئۇرالايدۇ. ئالماس ۋاكالەتچىلەرگە بۇ ئىقتىدار قوشۇلغان.


ۋاكالەتچىلەرگە ھەرقايسى مەھسۇلاتلارنىڭ قالىدىغان پايدىسىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ۋاكالەتچى مەركىزىگە كىرىپ ئۈستىدىكى (ۋاكالەتچىلەرگە قالىدىغان پايدىنى كۆرۈش) دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز ھەممە مەھسۇلاتنىڭ ئايرىم-ئايرىم قالىدىغان پايدىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا ئالتۇن ۋاكالەتچى بىلەن كۈمۈش ۋاكالەتچى سودا شەھەرچىمىزدىن مەھسۇلات سېتىۋالسا دەسلەپتە ئەسلى باھاسى بويىچە پۇل ئۇرىدۇ. پۇل ئۇرۇپ بولۇپ 5 كۈندىن كېيىن ۋاكالەتچىلىك پايدىسى سىزنىڭ سودا شەھەرچىمىزدىكى ھېساباتىڭىزغا قايتىپ كېتىدۇ. بۇ پۇلنى خالىغان ۋاقىتتا چىقىرىۋالالايسىز...


2. ۋاكالەتچىلەرنىڭ سودا شەھەرچىمىز ئارقىلىق پۇل تېپىش ئۇسۇلى:

ۋاكالەتچى بولغانلار سودا شەھەرچىمىزدىكى بارلىق ماللارنىڭ سېتىش ھوقۇقىغا ئېگە بولىدۇ. شۇڭا ۋاكالەتچىلەر سودا شەھەرچىمىزنى چەمبىرەكلىرىگە ۋە باشقا توپلارغا ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق پۇل تاپالايدۇ. يەنە سىز كۈندە چەمبىرەكلىرىڭىزگە ۋە باشقا توپلارغا دائىم يوللاپ تۇرسىڭىز باشقا خىرىدارلار سىز يوللىغان ئۇلانمىنى چېكىپ كىرىپ مەھسۇلات سېتىۋالسا بۇنىڭ ۋاكالەتچىلىك پايدىسى ئاپتۇماتىك ھالدا سىزنىڭ سودا شەھەرچىمىزدىكى ھېساباتىڭىزغا يوللىنىدۇ. بۇ ۋاكالەتچىلىك پايدىسىنى سىز خالىغان ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلىپ چىقىرىۋالالايسىز.

سودا شەھەرچىمىز ھەممە ئۇچۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاپتۇماتىك توغرا ھېسابلايدىغان بولۇپ سىزنىڭ پايدىڭىزنى قەتئىي كەم قىلماي ۋاقتىدا ھېساباتىڭىزغا يوللايدۇ. بۇنىڭدىن تولۇق خاتىرجەم بولۇڭ.


3. ۋاكالەتچىلەرنىڭ جۇغلانما نومۇر يىغىش ئۇسۇلى:

ۋاكالەتچىلەر سودا شەھەرچىمىزنى كۈندە چەمبىرەكلىرىگە ۋە باشقىلارغا ھەمبەھىرلەپ تۇرغاندا ھەر كۈنى جۇغلانما نومۇر قوشۇپ بېرىدۇ. جۇغلانما نومۇر يىغىپ ماڭسىڭىز بىز ھەرئايدا جۇغلانما نومۇرغا مەھسۇلات ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىمىز. شۇ ۋاقىتتا جۇغلانما نومۇرنى مەھسۇلاتقا ئالماشتۇرالايسىز.


4. ۋاكالەتچىلەر يوقلىمىغا قاتنىشىپ تۇرىشى كېرەك:

ئەزا مەركىزىگە كىرسىڭىز يوقلىما دېگەن كۇنۇپكا بار. شۇ يەرنى بېسىپ كىرىپ يوقلىما دىگەن كۇنۇپكىنى كۈندە بىر قېتىم بېسىپ قويسىڭىز سىزگە جۇغلانما نومۇر قوشۇپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كۈندە جۇغلانما نومۇر يىغىپ ماڭسىڭىز بىز ھەرئايدا جۇغلانما نومۇرغا مەھسۇلات ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارىمىز. شۇ ۋاقىتتا جۇغلانما نومۇرغا مەھسۇلات ئالماشتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: يۇقارقى ئۇقتۇرۇش پەقەت ۋاكالەتچىلەرگىلام ئۇقتۇرۇلىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇلانمىنى باشقا توپلارغا ۋە چەمبىرەكلەرگە قەتئىي يوللىماڭ....

مەسلىھەت سوراش تېلېڧون ۋە ئۈندىدار نومۇرى: 15999455501