• تاۋار
  • باھالاش
  • تەپسىلاتى
ئۈستى
رەسىم
داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
ھەمبەھىرلەش

قان بېسىمنى توغرا ئۆلچەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى. سۈپەتلىك، خەلقئارالىق داڭلىق ماركا

¥ 378.00
¥438.00
تېز يوللانما: كىرا ھەقسىز سېتىلغىنى: 214 كۆرۈلىشى: 1729
سىزگە ساغلام بازار تورى ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ
كەلگەن ئىنكاس (0)
ھەممىنى تەكشۈرۈش

ئىنكاس

  • بارلىق ئىنكاس(0)
  • رەسىم(0)
  • قالتىس(0)
  • ياخشى(0)
  • نورمال(0)

    358

    ياپۇنىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان دۇنياغا داڭلىق ئومرون ماركىلىق قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى

    ئاساس ئىقتىدارى: يۇقىرى قان بېسىمنى، تۆۋەن قان بېسىمنى ۋە يۈرەك سوقۇشنى توغرا ئۆلچەپ ئېكراندا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 90 قېتىملىق ئۆلچەش خاتىرىسىنى ساقلاپ ماڭىدۇ. قان بېسىمنى تاياقچە ھالەتتىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاددىي. چوڭلارمۇ ئاسانلام ئىشلىتەلەيدۇ. سۈپەتلىك، چىداملىق، كۆركەم، چوڭ ئېكرانلىق، ئۇزۇن يىل خاتىرجەم ئىشلىتەلەيسىز.

    ئۆلچەش ئۇسۇلى: ئورۇنداقتا تۈز ئۆلچەملىك ئولتۇرۇپ قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتىنىڭ تاسمىسىنى بىللەك باغلايسىز. بىللەككە باغلىغاندا جەينەكتىن 2 سانتا ئۈستىگە باغلايسىز. قولنى ئۈستەل ئۈستىگە توغرا ھالەتتە ئۇزۇن سۇنغان ھالەتتە قويىسىز. ئالقان ئۈستىگە قاراپ تۇرۇشى كېرەك. قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتىنى شىللانكىسىنى توغرا ھالەتتە كەلتۈرۈڭ. رەسىملىك چۈشەندۈرلۈشى بويىچە توغرا مەشغۇلات قىلسىڭىز قان بېسىمىڭىزنى تېز ھەم توغرا ئۆلچەپ بېرىدۇ.

    قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتىغا 4 دانە باتارىيە سېلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. ياكى بىۋاستە توك مەنبەسىگە چېتىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئۇزۇن يول مېڭىپ، يۈگۈرۈپ، قاتتىق ھەركەت قىلىپ كىرىپلام شۇ ھامان قان بېسىمنى ئۆلچەشكە بولمايدۇ. 10 مىنۇت ئارام ئېلىپ، يۈرەك سوقۇش نورماللاشقاندا ئاندىن قان بېسىمنى ئۆلچەش كېرەك. بولمىسا قان بېسىمنى يۇقىرى چىقىرىپ قويىدۇ ياكى خاتا ئۆلچەپ قويىدۇ. شۇڭا تېنىچ ھالەتتە 10 مىنۇت ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن قان بېسىمنى ئۆلچەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتىنى توك مەنبەسىگە چاتقان ۋاقىتتا توكقا چېتىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمىسۇن. قان بېسىمنى ئۆلچەپ بولۇپ توك مەنبەسىدىن ئاجرىتىۋېتىڭ. بولمىسا ئاپىرات قىزىپ كىتىدۇ.

    مەزكۇر ئاپىراتىمىزنى سېتىۋېلىپ سۈپەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، قان بېسىمنى توغرا ئۆلچىيەلمىسە ۋە توك يولىدا مەسىلە كۆرۈلسە ئالماشتۇرۇپ بېرىمىز.

    تاللانغان مەھسۇلات رەسىمى
    ¥378.00
    تاللاڭ:-

    ئوڭ تەرەپ ئۈستىنى بېسىپ

    دوستىڭىزغا يوللاپ بېرىڭ. رەھمەت

    تەشۋىقات ئېلانى چىقىرىش

    رەسىمنى ساقلاش