• ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • خانىم-قىزلار
  • بۆرەك
  • ئېلان ئىسمى
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • بۇ يىل7-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن بىمارلار4919 ئادەمگە يەتتى
    مەنبە: شىنجاڭ تورى خەۋىرى يوللانغان ۋاقتى: 23:05 06-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 131
    دىئابېت كاپسۇلى

    «بۇ يىل 7-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120 جىددىي قۇتقۇزۇش قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى 4919 نەپەر بىمارنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە قان تومۇر كېسەللىك بىمارلىرى 776 نەپەر بولۇپ، بۇ تەخمىنەن %15.8 نى ئىگىلەيدۇ. تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120 جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە 7-ئايدىكى كېسەل بىمارلار ئىچىدە يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن كىشى توققۇز نەپەر، باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەپەس، يۈرەك سوقۇشى توختاپ ئۆلۈپ كەتكەن بىمار 33 نەپەر ئىكەن. 

       يۈرەك – مېڭە قان تومۇر كېسىلى ۋە قاتناش ھادىسىسى ئىزچىل 120 نىڭ ئاساسلىق بىمارلار توپى بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120 جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ بۆلۈم باشلىقى مۇنداق دېدى: 7-ئايدا ئېلىپ كېلىنگەن 4919 نەپەر بىمار ئىچىدە، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار 776 نەپەر، قاتناش، كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە يولۇققان بىمارلار 341 نەپەر. 

      ئۈرۈمچى شەھىرى 120 قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى 120 جىددىي قۇتقۇزۇش بىمارلىرى 24284 ئادەم، بۇلار ئىچىدە يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلەر 89 نەپەر، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئېغىر جاراھەت، توك سوقۇشتىن قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەپەس توختاپ قالغان بىمارلار 230 نەپەر. 

      سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلقى جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن بىمارلار ۋە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن بىمارلار سانى باشقا يىللاردىكىگە ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. جاڭ خۈەن مۇنداق دېدى: تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كېسەللىك يۈز بەرگەندە قۇتقۇزۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېڭى ۋە بۇ جەھەتتىكى ساۋاتى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن 120 جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېتىپ كەلگەندە، بىمار كۆپ ھاللاردا ئاللىقاچان ھاياتىدىن ئايرىلىپ بولغان بولىدۇ.

      يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى 120 جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتىدىكى ھەر ئىككى-ئۈچ كۈندىكى بىر ئۆلۈم بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋ يى مۇنداق دېدى: جەمئىيەتنىڭ قېرىلىشىشى ھەمدە ئاساسى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش بىمارلىرىمۇ كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى . 

      تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن %90 بىمارلار دوختۇرخانا سىرتىدا ئۆلۈپ كەتكەن 

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك 120 جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى مۇدىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جىددىي قۇتقۇزۇش ھاياتلىق زەنجىرى ھازىرقى زامان جىددىي قۇتقۇزۇش ئىدىيەسى ئىچىدىكى يادرولۇق مەزمۇن، ئۇ تۆت ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى دەسلەپكى ئۆتۈشمە يولى، دەسلەپكى قۇرۇق قول يۈرەك، ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دەسلەپكى يۈرەكنى تىترىتىش، دەسلەپكى ئالىي ھايات. ئالدىنقى ئۈچ ھالقا ھەممىسى دوختۇرخانا سىرتىدا تاماملانغان بولىدۇ، دوختۇرخانىدا دوختۇرلار پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر ھالقىسىنى تاماملايدۇ.

     تاسادىپىي ئېغىر كېسەللەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك بار، لېكىن نەتىجىدە كۆپ ھاللاردا ئوخشاش بولمايدۇ. لى مۇدىر مۇنداق دېدى: بۇ كۆپىنچە ھاللاردا نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللىنىشىغا باغلىق.

    تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ئادەمنىڭ يۈرەك سوقۇشى توختاپ 5~10سېكۇنتقىچە ئادەم ئايلىنىپ قالىدىكەن. 10 سېكۇنت ئېشىپ كەتكەن ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ، تۇيۇقسىز يىقىلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. 45 سېكۇنتتا كۆز قارچۇغى چوڭىيىدىكەن. مۇبادا 60 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتسە، بارا-بارا نەپىسى توختايدىكەن. ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، مېڭە سۇلۇق ئىششىقى پەيدا بولۇشقا باشلايدىكەن. تۆت-بەش مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، چوڭ مېڭە ھۈجەيرە زەخىملىنىشكە ئۇچرايدىكەن. سەككىز مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، مېڭىنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

     ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، % 90 تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش بىمارلىرى دوختۇرخانا سىرتىدىلا ئۆلۈپ كېتىدىكەن. دۆلىتىمىزدە جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشقا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 20 مىنۇت ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بىمارنى قۇتقۇزۇش ئىنتايىن تەس ئىكەن، چۈنكى بىمارنى قۇتقۇزۋالالايدىغان ئالتۇن ۋاقىت 4~6 مىنۇتقىچىلا بولىدىكەن.

    بىمارنى بايقىغۇچى ئەگەر تېز، كېسەلگە توغرا، ئۈنۈملۈك بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللانغاندا بىمارنىڭ قۇتقۇزۋېلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. لى مۇدىر مۇنداق دېدى : دۆلىتىمىزدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش بىمارلىرىنىڭ يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتى پەقەت %15~%30 بولىدۇ، % 80 دىن ئارتۇق بىمارلارنىڭ يۈرەك، ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈگىلى بولمايدۇ. 

      شىنجاڭ ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شېن كەي جىن مۇنداق دېدى : ئەگەر يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ تۆت مىنۇت ئىچىدە يۈرەك-ئۆپكىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىسە بەلكىم ئاشۇ بىمارلارنىڭ يېرىمنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر 4~6 مىنۇت ئىچىدە ئىشلىسە، پەقەت % 10 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ 10 مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن باشلىسا قۇتقۇزۋېلىنىش نىسبىتى ئاساسەن نۆل بولىدۇ . 

      ئەگەر بۇ تۆت مىنۇت ئىچىدە قۇتقۇزۇش ئېرىشكىلى بولمىسا، بىمار دەرھال بىيولوگىيەلىك ئۆلۈش باسقۇچىغا كىرىپ، مېڭە توقۇلمىلىرىدا زەخىملىنىش يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بىمارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا زەئىپلىشىش يۈز بېرىپ، نېرۋا سىستېمىسىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ، قۇتقۇزۋېلىنغان تەقدىردىمۇ، بىمارنىڭ ئۆز ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىپ قايتا نورمال ھالەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.

    يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكى، قان نۆكچىسى، زىيادە سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار ھەممىسى ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شېن كەي جىن بۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: كۈندىلىك تۇرمۇشتا دورا ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار سىرتقا چىققاندا ھەم يېنىدا «جاننى قۇتقۇزغۇچى دورىلار» نى ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن : يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار سۇشياۋ جيۇشىن ۋەن كۇمىلىچى، زىققا كېسىلى بىمارلىرى بۇدىنەيدې قاتارلىقلار دورىلارنى ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.

    بۇنىڭدىن سىرت كېچىچە تۈنەيدىغان، زىيادە ھاياجانلىنىدىغان, ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىپ، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • تەبىئىي بۆرەك قۇۋەتلەش تابلىتى
    تەبىئىي بۆرەك قۇۋەتلەش تابلىتى
  • قان شېكەرنى تۇراقلاشتۇرۇش كاپسۇلى
    قان شېكەرنى تۇراقلاشتۇرۇش كاپسۇلى
  • ۋىتامىن B تابلىتى
    ۋىتامىن B تابلىتى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
    تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • ۋىتامىن C تابلىتى
    ۋىتامىن C تابلىتى
  • گېمروي مەلھىمى
    گېمروي مەلھىمى
  • كۆپ خىل ۋېتامىنلىق ئاقسىل تالقىنى
    كۆپ خىل ۋېتامىنلىق ئاقسىل تالقىنى
  • مەزى بېزى كاپسۇلى
    مەزى بېزى كاپسۇلى

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号