تەييارلار ئۇسۇلى: يۇقىرىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش.
تەركىبى:ئاق كۈنجۈت مېيىنىڭ تەركىبىي %48 ماي كىسلاتاسى، %37 زىغىر كىسلاتاسى، ۋىتامىن يې ۋە سېسامول (كۈنجۈت فېنولى) قاتارلىقلار بار. قارا كۈنجۈت مېيىنىڭ تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى، زىغىر كىسلاتاسى، خاسىڭ كىسلاتاسى، سېسامىن، سېسامولىن (كۈنجۈت مېي فېنولى)، سېسامول (كۈنجۈت فېنولى) قاتارلىقلار بار.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: قۇرۇق يۆتەل، زىققە، پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت مېيى بىلەن تاماق ئېتىپ، ئىستېمال قىلسا سەمرىتىدۇ. مايلىسا تېرىنىڭ قۇرۇقلۇقى ۋە قىچىشىشىنى، ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ. كۈنجۈت مېيى بىلەن بەل ۋە قورساقنى مايلىسا بالا ئاسان تۇغۇلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号