ئانا سۈتىدە زادى نېمە بار؟
مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى
يوللانغان ۋاقتى: 14:50 13-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 3485
بولغۇسى ئانىلار دوختۇرخانىغا كىرگەندىن باشلاپ، ئەمچەكتىن ئايرىغىچە ھەممە كىشىلەر ئانا سۈتى ياخشى دەيدۇ. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىنى تەھلىل قىلىشچە، ئانا سۈتى تەركىبىدە ماي، ئاقسىل، شېكەر، كېسەلگە قارشى تۇرغۇچى ئىممۇنىتېت ماددىلار ۋە ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بار ئىكەن. ئەلۋەتتە، مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى يەنىلا سۇ. ماينىڭ تەركىبىدە يەنە ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئاساسەن دېگۈدەك بوۋاق تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. ئاقسىل بولسا بەدەن ۋە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، شېكەر ئاساسلىقى سۈت شېكىرىنى بالىنىڭ ئۈچىيىنى ياخشىلاپ، ساغلام قىلىدىغان ئولىگو ساخارىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بالىنىڭ تولۇق يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار ئەڭ يۇقىرى بىئولوگىيىلىك ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە، قانچىلىك يېسە شۇنچىلىك قوبۇل قىلىدۇ.