خەنزۇچە نامى: 地蜡
ئەرەپچە نامى: ئەرەقۇل جىبال
پارسچە نامى: موميائى
ئوردۇچە نامى: موميائى
تونۇش: موميا رەڭگى قارا، مومغا ئوخشايدىغان پارقىراق، تەمسىز، ئۇيۇلچان ماددا بولۇپ، پۇراقسىز كېلىدۇ، موميا تومۇز كۈنلىرى بەزى تاغلارنىڭ يېرىقلىرىدىن سىزىپ ئېقىپ قېتىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدۇ. ئۇ جەسەتنى چىرىشتىن ساقلاش ۋە قاتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ئەتىۋار ھەم كەم تېپىلىدىغان مۇھىم دورا ھېسابلىنىدۇ. بۇ دۆلەت ئالاھىدە كۆزىتىپ قوغدايدىغان دورا بولۇپ، دۆلەت ئاسانلىقچە سىرتقا چىقارمايدۇ. بەزى كىشىلەر موميا بىلەن سالاجىتنى بىر نەرسە دەپ قارايدۇ، بۇ ئىككى دورىنىڭ رەڭگى بىر-بىرىگە ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكن ئۇلار بىر دورا ئەمەس. موميانى پەرقلەندۈرۈش ئالاھىدە بىر مەسىلە. كلاسسىك كىتابلاردا :<ئۆچكنىڭ جىگىرىنى كېسىپ، كەسكەن يۈزىگە موميا سۈرتۈپ چاپلىغاندا تۇتىشىپ قالسا،بۇ ھەقىقىي موميا ھېسابلىنىدۇ، دېيىلگەن.
تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلانى ئېچىش، ئىششىق قايتۇرۇش، يارىلارنى پۈتتۈرۈش، سۇنغان سۆڭەكلەرنى تۇتاشتۇرۇش، ھەرخىل زەخىملەرنى ساقايتىش، مەنىي تۇتۇش، جەسەتنى چىرىتمەي ساقلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ھەرخىل جاراھەت، ئاقما، مېڭە، يۈرەك ئاجىزلىقى، سۇنۇق، باش ئاغرىقى، باھ ئاجىزلىقى، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش، جەسەتلەرنى ساقلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: موميانى قىزىلگۈل يېغى ۋە غورا سۈيى بىلەن سۇيۇلدۇرۇپ قۇلاققا تېمىتسا قۇلاقتىكى يارا-چاقىلارغا شىپا قىلىدۇ. زەيتۇن يېغى بىلەن سۇيۇلدۇرۇپ كونا جاراھەت، ئاقمىغا چاپسا پايدا قىلىدۇ، موميانى سۈت بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۇنغان سۆڭەكلەرنىڭ تۇتۇشىنى تېزلىتىدۇ، ھەرخىل سىرتقى زەخىملەرگە شىپا بولىدۇ، موميادىن گۈرۈچ چوڭلىقىدا ئېلىپ سۇيۇلدۇرۇپ بۇرنىغا تېمىتسا، باش ئاغرىقى ۋە شەقىقىگە پايدا قىلىدۇ، يالپۇزنىڭ قاينىتىلغان سۈيى بىلەن سۇيۇلدۇرۇپ ئىچسە ئەزالارنىڭ تىترىشىنى توختىتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك دورىلار بىلەن بىرگە قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، يۈرەك ۋە مېڭىنى كۈچلەندۈرىدۇ، يۈرەك ۋە مېڭىنىڭ ئاجىزلىقىغا پايدا قىلىدۇ، باھنى كۈچلەندۈرگۈچى ۋە مەنىي تۇتقۇچى ھەرخىل مۇرەككەپ ياسالمىلار تەركىبىگە قوشۇپ ئىستېمال قىلسا باھنى كۈچەيتىپ، مەنىي تۇتىدۇ، مۇناسىۋەتلىك دورىلارغا قوشۇپ مەلھەم قىلىپ چاپسا ئىششىقنى قايتۇرىدۇ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. ئىچسىمۇ شۇ تسىرنى بېرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئىچكى تەرەپتىن ئىككى دانە ئارپا چوڭلۇقىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قلىدۇ. جىق يېسە ئاشقازاننى بۇزىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل سۈيى، سىركەنجىۋىل.
چىقىش ئورنى: ئىراننىڭ داراب تېغىدىن ۋە ئۆزبىكىستاندىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号