• ساغلاملىق مەھسۇلاتلار
  • خانىم-قىزلار
  • بۆرەك
  • ئېلان ئىسمى
  • دىئابېت كېسىلى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ئۇيغۇر تىبابەت خام دورىلىرى
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · ئايال كىشىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپ باھالاش
  • · يۈرەكنىڭ ئاياللارغا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى
  • · ئاياللارنىڭ كۆپ قەۋزىيەت بولۇشى قېرىشنىڭ بەلگىسى
  • · ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئالتە ئامىل
  • · ئاياللارنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر
  • · ئاياللارنىڭ يۇيۇنۇشىدىكى ئالتە پەرھىز
  • · ئاياللاردىكى سەككىز خىل ساغلام بولمىغان بەدەن بېشارەتلىرى
  • · ھامىلدارلىق ئالامەتلىرى
  • · بالىلارنىڭ چىشىنى نىمە ئۈچۈن قۇرت يەيدۇ
  • · كېسەل كۆرسىتىشتە ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان ناتوغرا ئادەت
  • · بۇنداق ئۇخلاش ئادەتلىرى ئاياللارنى تېز قېرىتىۋېتىدۇ
  • · ئاياللارنىڭ تېز قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان 12 خىل ئۇسۇل
  • · ھامىلدار ئاياللار ساماۋەر شورپىسى ئىچسە بولامدۇ ؟
  • · ھامىلدار بولغان بولمىغانلىقىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ بىلىش ئۇسۇلى
  • · ئاياللارنىڭ كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش
  • · تامىقى ئاز ئاياللار ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ
  • · تۇغماسلىق كېسىلى
  • · ئاياللارنىڭ ئاساسلىق كۈنى كىيىم تاللاش بىلەن ئۆتىدۇ
  • · ھامىلدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
  • · ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش
  • · بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قېلىنلاش كېسىلىنىڭ سەۋەبى
  • · كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە كۆپ تەر چىقسا سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
  • · تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
  • · تۇربا يولى خالتىلىق ئىششىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى
  • · قورساق قىسمى يوغىناپ كېتىش ئاياللارنى دىئابېت قىلىپ قويىدۇ
  • · ئاياللار گىرىم بويۇملىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇش لازىم
  • · كېچىسى كۆپ سىيىدىغانلار بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك
  • · كۆكسىنى چوڭايتىش ئاياللارنى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار قىلىدۇ
  • · ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ 6 خىل سەۋەبى
  • · ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • · سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش خەۋىپى يۇقىرى بولغان ئاياللار
  • · بالىياتقۇغا زىيان يەتكۈزىدىغان 5 چوڭ جىنايەتچىدىن ئېھتىيات قىلىڭ
  • · ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قالايمىقان دورا ئىستىمال قىلسا بولامدۇ ؟
  • · سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى
  • · ھامىلدار ئاياللار كومپىيوتېر ئىشلەتسە بولامدۇ ؟
  • · ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسانلا مەقئەت، ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ
  • · بالىياتقۇدىن ئاسانلا ۋاز كەچمەڭ
  • · بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىغا سەل قارىماڭ
  • · ساھىبجامال قاتىل ئاياللارنى ئىزدەپ تاپتى
  • · ھامىلدار بولالماسلىق
  • · ئەڭ ياخشىسى دورا بىلەن ھامىلە چۈشۈرمەڭ
  • · ھامىلدار بولالماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كىچىك قىزلاردىن باشلاش كېرەك
  • · قايتا-قايتا ھامىلە چۈشۈرسە بالدۇر قېرىپ كېتىدۇ
  • · ئەمچەك كېسەللىكى ھەققىدە
  • · نىمىشقا ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ پۇتى ئاسان ئىششىيدۇ ؟
  • · گىرىم بويۇملىرىنىڭ ھامىلدار ئاياللارغا بولغان تەسىرى
  • · ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار كالتسىي تولۇقلاپ بەرسە ئاسان سەمىرىپ كەتمەيدۇ
  • · زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى
  • · ئاياللار يۈرەك كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ
  • · ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا
  • ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 22:56 10-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 1978
    دىئابېت كاپسۇلى

    ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە بارغاندا، ھامىلدار ئاياللار بارلىق جاپا-مۇشەققەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى ھاياتلىقنى كۈتىۋېلىش تەييارلىقىغا چۈشىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۈرلۈك بىئارامسىزلىق بۇ مەزگىلدە تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆڭلىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇش كېرەك. مۇشۇ مەزگىلدىن ئۆتسىلا، تۇنجى ئانا بولۇش خۇشاللىقىدىن بەھرىمان بولىدۇ. 

    ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىنىڭ بەدىنى شەكىل ۋە ئىقتىدارى ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بەزى ئۆزگىرىشلەر ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن تۇغۇشقىچە داۋاملىشىدۇ. بەزىلىرى ھامىلدارلىق ۋاقتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. مەسىلەن: بالىياتقۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا تېز يوغىناپ، تۈرلۈك سىيىش ئالامىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

    ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئالامەتلەر ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تەدرىجى پەيدا بولىدۇ. تۆۋەندە بىز ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە دائىم كۆرىلىدىغان مەسىلىلەرنى تونۇشۇتۇرۇپ ئۆتىمىز.

    ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقى بىئارامسىزلىنىش: 

    ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بالىياتقۇ تېز سۈرئەتتە چوڭايغاچقا، تۆۋەنكى قورساقتىكى ئۈچەي يۇقىرىغا ياكى ئىككى تەرەپكە يۆتكىلىدۇ. بەزىدە ئۈچەي سىقىلپ، جىگەرنىڭ قېشىغا بېرىپ قالىدۇ. 

    بالىياتقۇ چوڭىيىش بىلەن بىرگە، يەنە ئايلانما ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر بالىياتقۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇمىلاق سىڭىر، كەڭرى سىڭىرلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەچكە، قورساق تارتىشقاندەك بولۇپ ئاغرىيدۇ. 

    ئۇنىڭدىن باشقا داس بوشلۇقى، بولۇپمۇ دوۋسۇننىڭ ئۈستى بېسىلىپ ئاغرىيدۇ. بۇ بىئارامسىزلىنىش ئالامەتلىرىگە ئادەتتە چىدىغىلى بولىدۇ. ئۇنى ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز. كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئالسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ. ئەگەر بەك قاتتىق ئاغرىپ كەتسە ياكى باشقا ھامىلدارلىق ئالامەتلىرى مەسىلەن: قىزىش، قۇسۇش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، باشقا كېسەللىك بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش لازىم.

    ئوڭدىسىغا ياتسا قان بېسىمى تۆۋەنلەش ھەم بېشى قېيىش: 

    ھامىلدار ئاياللاردىكى تۆۋەن قان بېسىمى بىلەن يېتىش ھالىتى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە كارۋاتتا ئۇزۇن يېتىپ، تويۇقسىز ئورنىدىن تۇرسا، ۋاقىتلىق خاراكتېرلىك چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بولسا بالىياتقۇ ھەجىمى ۋە ئېغىرلىق زور دەرىجىدە ئاشقاچقا، ھامىلدار ئاياللار تۈز ياتسا ئاسانلا ۋېنا تومۇرىنى بېسىۋېلىپ، ۋېنا تومۇرىدىكى قان ئايلىنىش ئازىيىپ، يۈرەككە قان يېتىشمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەبئىي ھالدا يۈرەكتىن ئېقىپ چىقىدىغان قان تەدرىجى ئازلايدۇ. 

    ئادەتتە %10 ھامىلدار ئاياللاردا ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بىر قەدەر كۆرىنەرلىك بىئارامسىزلىنىش كۆرىلىدۇ. 

    كونكىرت ئالامىتى: تۈز ياتقاندا تۇيۇقسىز يۈرەك سېلىش، بېشى قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، تەرلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

    داۋالاش ئۇسۇلى: دەرھال يېتىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، بالىياتقۇنىڭ قان ئايلىنىشقا بولغان بېسىمىنى ئازايتىش كېرەك. ئادەتتە سول تەرەپنى بېسىپ ياتسا، يۈرەككە يېتىپ بېرىدىغان قان كۆپىيىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن بالىياتقۇ ۋە بالا ھەمرىيىدىكى قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، بالا تۆۋەن قان بېسىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

    بالىياتقۇ قىسقىراش: 

    كۆپىنچە ھامىلدار ئاياللار 30 ھەپتىدىن بۇرۇن كۈچلۈك بالىياتقۇ قىسقىراشنى ھېس قىلمايدۇ. پەقەت تۆۋەنكى قورساق چىڭقالغاندەك بولىدۇ. 30 ھەپتىدىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ ھەرىكىتى تەدرىجى كۆپىيىپ، قىسقىراش كۈچى كۈچىيىپ قىسقىراش قېتىم سانى نىسبىي تېزلىشىدۇ. بۇ ۋاقتتا ھامىلدار ئاياللار بالىياتقۇ قىسقىراشنى سېزىش بىلەن بىرگە ھەتتا ئاغرىقنى سېزىدۇ. بەزىدە ھەر 10-20 مىنۇتتا بىر قېتىم تەرتىپلىك بالىياتقۇ قىسقىراش كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى بىر، ئىككى ھەپتىسىدە ئەڭ كۆرىنەرلىك بولىدۇ. مانا بۇ ئادەتتە دىيىلىدىغان يالغان تولغاقتۇر. 

    يالغان تولغاق بىلەن تۇغۇش ئالدىدىكى تولغاقنى پەق ئېتىش تەس. ئادەتتە يالغان ئاغرىش بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئارام ئالسا ئاستا-ئاستا ئەسىلگە كېلىدۇ. بىراق راستىنلا تولغاق كەلسە، ھەر 20 مىنۇتتا بىر قېتىم ئاغرىشتىن تاكى ھەر ئۈچ مىنۇتتا بىر قېتىم ئاغرىشقا ئكزگىرىدۇ. ھەم قان كېلىش، بالىياتقۇ بوينى كېڭىيىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇردىن ياردەم سوراش كېرەك.

    سۇلۇق ئىششىق ۋە ۋىنا تومۇر ئۆسمىسى:

    نورمال ھامىلدار بولۇش جەريانىدا ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى سۇ مىقدارى 6.5 لىتىر كۆپىيىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ لېتىرى ئانىنىڭ قېنىدا، ئەمچىكىدە ۋە بەدەن توقۇلمىلىرىدا ساقلىنىدۇ. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۈنسىرى يوغىناۋاتقان بالىياتقۇ پۇتتىكى قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ خىل ئامىللارنىڭ ھەممىسى پۇتتىكى سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلدارلىق ھەپتە سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئالامىتى ئېغىرلىشىدۇ. ھەتتا پۇت ۋېنا تومۇرلىرى ئەگرى-بۈگرىلىشىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. بۇ خىل سۇلۇق ئىششىق بىر ئاخشام تۈپتۈز يېتىپ ئارام ئالسا، ئازراق ياخشىلىنىدۇ. بىراق ۋېنا تومۇرى ئەگرى-بۈگرىلىشىش تۇغۇتتىن كېيىن ئاندىن ئەسلىگە كېلىدۇ. 

    بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت ئۆرە تۇرۇش ياكى ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش كېرەك. ئېلاستكىلىقى ياخشى پايپاق ۋە راھەت ئاياق كىيىشمۇ پۇت ئاغرىش ئالامىتىنى ياخشىلايدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەگەر سۇلۇق ئىششىق كېڭىيىپ كەتسە ھەم ئۈستۈنكى بەدەندە غەيرى ئۆزگىرىش بولسا، دىققەت قىلىش كېرەك. بىراق 38 ھەپتىنىڭ ئالدى-كەينىدە نورمال ھامىلدار ئاياللارنىڭ يۈز، قول قاتارلىق جايلىرىدا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرىنىپ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

    نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ۋە كۆكرىكى سىقىلىش:

    بۇ ئالامەت ھامىلدار ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ، ئاخىرقى ئۈچ ئايدا كۆكرەك پەردىسىنىڭ ئاستى-ئۈستىدىكى ھەرىكەت چوڭايغان بالىياتقۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ھەر قېتىملىق نەپەسلىنىش چوڭقۇرلىقنى كۆپەيتىشگە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بالىغا ئوكسىگىن يېتەرلىك بولىدۇ. بۇ خىل نەپەسلىنىش چوڭقۇرلىقى ئاشقانسېرى، ئادەمگە نەپەس يېتىشمىگەندەك بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە كۆپ كېزەك ۋە باش سۈيى زىيادە كۆپ ئاياللاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. بالىياتقۇ بەك چوڭىيىپ كەتسە، كۆكرەك بوشلۇقىنى بېسىۋېلىپ، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىدە ھەتتا تۈز ياتسىمۇ نەپەس يېتىشمەي قالىدۇ. 

    ھەرىكەتنى ئازايتىپ، كەيپىياتنى خۇشال تۇتسا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئالامەت ياخشىلىنىدۇ. كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىش، سول تەرەپنى بېسىپ يېتىش قاتارلىقلارنىڭمۇ پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر نەپەس سىقىلىش ئالامىتى تۈز ياتقاندا ئولتۇرغاندىمۇ بەكرەك ئېغىر بولسا ياكى ئېغىر دەرىجىدىكى سۇلۇق ئىششىق قوشۇلۇپ كەلسە، تۇغۇت تەكشۈرىشىدە بۇنى جەزمەن دوختۇرغا ئېيتىش كېرەك. بەزىدە نەپەس سىقىلىش باشقا كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولىشى مۇمكىن.

    پات-پات سىيىش ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىق:

    بارلىق ھامىلدارلىق جەريانىدىكى ئىككى مەزگىلدە ئاسانلا پات-پات سىيىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. بىرىنچى: ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بالياتقۇ چوڭىيىشقا باشلىغاندا، ئىككىنچى: ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بالا داس بوشلۇقىغا چۈشكەندە كۆرىلىدۇ. بۇ دوۋسۇن بېسىلىپ، سۈيدۈك مىقدارى ئازايغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە داس بوشلۇقى ئىچىدىكى ئەزالارنىڭ ئورنى نىسپى ئۆزگەرگەچكە، دوۋسۇن ئۇچرايدىغان بېسىممۇ كۆپىيىدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ئازراق كۈچىسىلا سۈيدۈك يولىدىن ئېقىپ چىقىدۇ. يەنى سۈيدۈك تۇتالمايدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇغۇتتىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. بىراق سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىپ قالسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالامەت كۆرىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ دوۋسۇن تېمى سۇلۇق ئىششىغاچقا، ئاسانلا ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىغاندا ئاسان يۇقۇملىنىپ  قالىدۇ. ھەتتا بۆرەك يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلسە ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. سۇنى كۆپرەك ئىچىش، ھاجەتخانىغا كۆپرەك بېرىش، سۈيدۈك يىغالماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇلدۇر.

    بەل ئاغرىش ۋە قول-پۇت ئۇيۇشۇپ ماغدۇرسىزلىنىش:

    ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە بالىياتقۇ تېز سۈرئەتتە چوڭىيىپ، ئېغىرلىقى ئاشقانلىقتىن ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئالدىغا يۆتكىلىدۇ. بەدەننىڭ تەڭپۇقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەل مۇسكۇللىرى بەلگىلىك تارتىش كۈچىنى ساقلاپ، يۇقىرىقى بەدەن كەينىگە غادىيىدۇ. بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللار ئېگىز پاشىنلىق ئاياق كەيسە، ئومۇرتقىسى ئادەتتىكى چاغدىن تېخىمۇ كۆپ بېسىمغا ئۇچرايدۇ. 

    ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرقى بەدەن كەينىگە غادىيىش بىلەن بىرگە بەدەنمۇ مۈرە ۋە بويۇننى ئالدىغا ئېڭىشتۈرۈش ئارقىلىق باشنىڭ ھالىتىنى ساقلايدۇ. بۇ خىل بەدەن ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى باش، مۈرە ۋە بەل ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا مۈرە ئەتراپتىكى نېرۋىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، قول-پۇت ئۇيۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

    شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرماسلىقى ۋە ئېگىز پاشىنلىق ئاياق كىيمەسلىكى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، مۇسكۇلنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ساقلىشى كېرەك. مۇۋاپىق ئارام ئېلىش ۋە قىسمەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق بەل ئاغرىشنى پەسەيتسە بولىدۇ. زۆرۈر بولغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، يىنىك ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. 

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • قان بېسىم چۈشۈرۈش چېيى
    قان بېسىم چۈشۈرۈش چېيى
  • دىئابېت چېيى
    دىئابېت چېيى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • گېمروي مەلھىمى
    گېمروي مەلھىمى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
    توك ئارقىلىق قىزىتىپ داۋالاش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号