دۆلىتىمىزدە بالىياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ئۆلۈش نىسبىتى ئاياللار كېسەللىكى ئىچىدە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. كېسەللىك قوزغىلىش يېشى 25 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغانلار كۆپ بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغانلار ئىچىدە ئەڭ كىچىك يېشى 22 ياش ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 40 ياشتىن تۆەنلەر %43.3نى، 40-48 ياشقىچە بولغانلار %53.6 نى ئىگىلەپ، بالياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياش ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدىغان «ساھىپجامال قاتىل» غا ئايلانغان.
ئاياللارنىڭ يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسى ۋە تۇرمۇش شەكىلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بالىياتقۇ بوينى كېسەللىكى كۆرىلىش ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا 10 ياش تۆەنلەپ، ياشلىشىش ۋەزىيىتى روشەن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ HPV بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك يۇقۇملىنىشنى كېسەللىك قوزغالغۇچىلارنىڭ ياشلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
خەلقئارالىق كىنو چولپىنى مېي يەنخاڭمۇ بالىياتقۇ بوينى كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كەتتىغۇ؟ بالىياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر قايسىلار؟ بالىياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئاساسلىق تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتە تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
بالدۇر توي قىلىش، بالدۇر تۇغۇش، كۆپ تۇغۇش: ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشچە، 17 ياشتىن بۇرۇن توي قىلغانلارنىڭ 18 ياشتىن كېيىن توي قىلغانلارغا قارىغاندا كېسەل بولۇش نىسبىتى 3.9 ھەسسە، تۇنجى تۇغۇت يېشى 18 ياشتىن بۇرۇن بولغانلارنىڭ 18 ياشتىن كېيىن بولغانلارغا قارىغاندا 3.2 ھەسسە يۇقىرى بولغان. تۆتنى تۇغقانلارنىڭ ئۈچنى تۇققانلارغا قارىغاندا، كېسەل بولۇش نىسبىتى 2 ھەسسە كۆپ بولغان. بۇلار ئاساسەن شۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى قانداق كۈتۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش ئامىلى: ئەر-خوتۇنلۇق زىيادە كۆپ بولۇش، تازلىققا دىققەت قىلمايدىغان ۋە جىنسىي جۆرىسى كۆپ ئاياللاردا بالىياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرىلىش نىسبىتى ئادەتتىكى ئاياللارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش: بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش كېسىلى بارلارنىڭ بالىياتقۇ بوينى ياخشى كىشىلەرگە قارىغاندا ئېغىر دەرىجىدىكى بالىياتقۇ بوينى كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش ئاسانلا ئېغىر دەرىجىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىكە تەرققىي قىلىدۇ. شۇڭا چىڭ تۇتۇپ پائال داۋالىنىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号