ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ئاياللار ھاياتىدا بىر قېتىم مۇكەممەل ھامىلدار بولۇش ۋە تۇغۇش مۇساپىسىنى تاماملىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى 10 يىل ئۇزىرايدۇ. بۇ خىل ئىممۇنىتېت كۈچى ئاساسەن سۈت بېزى راكى، تۇخۇمدان راكى قاتارلىق ئاياللار كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغۇپ باقمىغان ئاياللار ھامىلە گورمۇنىنىڭ دەل ۋاقتىدا بولىدىغان ئۈنۈملۈك قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە گورمۇنغا تايىنىپ قېلىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. مەسلەن: بالياتقۇ مۇسكۇلى راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنىدا غەلىتىلىك كۆرۈلۈش دېگەندەك .
تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: تۇغۇپ باقمىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، تۇغۇپ باققان ئاياللاردا تۈرلۈك راك ۋە ھەر خىل ئاياللار كېسىلىگە قارشى كۈچلۈك ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل بولۇپلا قالماستىن، يەنە كېلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدىكەن. ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلدە ئاياللارنىڭ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق چېكىنىدىغان بولغاچقا، بالىلىق بولۇپ باققان ئاياللارنىڭ كېلىماكتېرىيە دەۋرى بالىلىق بولۇپ باقمىغان ئاياللارغا قارىغاندا خېلىلا كېچىكىپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش داۋامىدا، ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارى پىشىپ يېتىلىپلا قالماستىن، پىسخىكىلىق ساغلاملىقمۇ ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号