ئاياللار جىنسى ئەزالىرى بالىياتقۇ، تۇخۇمدان، تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ۋە ئۇىڭ ئەتىراپىدىكى قوشۇمچە توقۇلمىلار، داس بوشلىغى قورساق پەردىلىرى ياللۇغلىرى ئۇمۇملاشتۇرلۇپ داس بوشلىغى ياللۇغى دەپ ئاتىلدۇ.
داس بوشلۇغى ياللۇغىنى ئۆتكۈر خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى دەپ ئىككى تۇرگە بولىندۇ.
ئۆتكۇر خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغى
سەۋەبى: تۇغۇتتىن، بويىدىن ئاجرىغاندىن كېيىن ھېيىز مەزگىلدە يۇقۇملىنىشتىن بولىدۇ. بالياتقۇ بوشلۇغىدىكى ئوپراتسيە مەشغۇلاتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغلىنىش. ھېيىز دەۋېردىكى تازىلىقنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بولىدۇ. بولۇپمۇ ھېيىز مەزگىلىدە تازىلىقى ياخشى بولمىغان قەغەز ئىشلىتىش، ھېيىز مەزگىلىدە جىنسى مۇناسىۋەتتە بولۇش قاتارلىقلار ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
باشقا ئەزالاردىكى يۇقۇملىنىشنىڭ بىۋاستە يامىرىشى يەنى ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى، قورساق پەردە ياللۇغى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
يۇقۇملىنىش خاراكتىرلىك تارقىلىشچان كېسەللىك، جىنسي مۇناسىۋەت تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىق، بالدۇر جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش، كۆپ جىما قىلىش، جىنسى مۇناسۋەت ھەددىدىن كۆپ بولغۇچىلاردا، جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈچىنىڭ كېسەللىك ئانتىگىنى تاجاۋۇز قىلىپ يۇقارقى كېسەللىكنى چىقارغان .
قان ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئي ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ.
سوزۇلما خاراكتىرلىك داس بوشلۇغى ياللۇغىنڭ قوزغۇلۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ.
بالياتقۇغا تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرغاندىن بولىدۇ.
كېلىنىكىلىق ئىپادىسى: دەسلەپتە قىزىتما، قورساقنىڭ ئاستى ئاغرىش قوشلۇپ كېلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۇقۇرى قىزىتما، توڭلاپ تىترەش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، باش ئاغرىش بولىدۇ. قورساق پەردىسىدە ياللۇغ بولسا قۇسۇش، قورساق كۆپۈش، داس بوشلۇغى يېرىڭلىق ئىششىغى بالياتقۇ كەينىدە بولسا ئىچى سۈرۈش، قۇرۇق ئىنجىق، تۇز ئۈچەي غىدىقلىنىش قاتارلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە كېسەللىك قوزغالغاندا ھەيىز مىقدارى كۆپيىش دەۋرى ئۇزىراش بولىدۇ، ھېيىز كەلمىگەن ۋاقىتتا بولسا ئاقخۇن كۆپ كېلىدۇ.
خالتىلىق ئىششىق دوۋساققا تەسر كۆرسەتكەندە سېيىش قىينلىشىش، سۈيدۈك قېتىمى كۆپىيىش ۋە دوۋساق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىدۇ. بالياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىدا كېسەل قوزغاتقۇچى جاراسىملار ئوخشاش بولمىغاچقا ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغاندا ئالامەتلىرىمۇ يەڭگىل بولىدۇ، بەدەن تېمپۇراتۇرسى 38 ئەتىراپىدا بولىدۇ. كۆپىنچە 48 سائەت ئىچىدە يۇقۇرى قىزىتما كۆرۈلىدۇ. قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى سەل-پەل ئاغىرىيدۇ. چىللە خۇنى كۆپىنچە دۇغلۇق ۋە سېسىق پۇرايدۇ. بالياتقۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولمايدۇ، قان ئېرىتكۇچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملانغاندا ئالامەتلىرىمۇ ئېغىر بولىدۇ. بالىياتقۇ ياللۇغى مۇسكۇل قەۋىتىگىچە بارىدۇ. كېسەل ئۇشتۇمتۇت توڭلاپ قاتتىق قىززىپ بەدەن ھارارىتى 40~39 بولۇپ قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىيدۇ، بالياتقۇنى باسقاندا ئاغىرىش ئېنىق بىلىنىدۇ. چىللە خۇنى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. پۇرىغىمۇ بولمايدۇ.
داس بوشلۇغى بىرىكتىرگۈچى توقۇلمىلار ياللۇغلانغاندا بىماردا قىزىتمىلىق توڭلاپ تىتىرەش بولۇپ، بەدەن تىمپۇتۇرسى 37.5~39 بولىدۇ. تاكى قورساق قىسمىنىڭ بىر تەرىپى ياكى ئىككىلا تەرىپى ئاغىرىيدۇ. داس بوشلىغىنى تەكشۈرگەندە جىنسى يول قىزارغان كۆپ مىقداردا يېرىڭلىق ئاجرالما ماددىلار بولىدۇ يېرىڭلىق ئاجىرالما ماددىلار بالياتقۇ بوينىدىن قاراپ ئېقىپ بالىياتقۇ بوينى شىللىق پەردىسى ياللۇغى ياكى بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئۆتكۈر يۇقۇملىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش:
(1) ھەيىز مەزگىللىرىدىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش.
⑵ تۇغۇت ۋە ئاياللار بۆلۈم: ئوپىراتسىيەخانىدىكى دىنزىنفىكسىيەگە دىققەت قىلىپ ئوپىراتسىيە ۋاقتىدا مىكروپسىز مەشغۇلات ئېلىپ بىرىش. بۇلۇپمۇ سۈنئى ئۇسۇلدا ھامىلدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغاندا بالىياتقۇ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ھالقىسى سالدۇرغاندا ۋە بالىياتقۇ ئىچى قىرىپ تازىلىغاندا ئوپىراتسىيەدىن كىيىنكى پەرۋىشنى ياخشى قىلىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
⑶ جىددى خاراكتېرلىك داس بوشلىغىنى داۋالىغاندا ۋاقتىدا داۋالاش، تەلتۈكۈس ساقايتىش، ئاستا خاراكتىرلىك داس بوشلىقىغا ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
⑷ جىنسي تۇرمۇشتىكى تازىلىققا دىققەت قىلىش، جىنسي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇدىغان كېسەللەرنى ئازايتىش، ھەيىز كەلگەن ۋاقىتتا جىنسي مۇناسىۋەت قىلماسلىق لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号