سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن جىنسىي ئەزا ئىچىدە ھەرخىل چوڭلۇقتىكى يارا پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل يارا كۆپىنچە كىچىك جىنسىي لەۋنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا يۈز بېرىپ قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ.
سەۋەبى: بۇ ئاساسلىقى تاشقى جىنسىي ئەزا يارىسىنىڭ جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بۇ خىل يارا كۆپىنچە جىنسىي لەۋنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا يۈز بېرىپ، قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. يارىنىڭ يۈزىدە كۆپلىگەن ئاجراتمىلار بولىدۇ، بەزىدە تاشقى جىنسىي ئەزاسىدا يارا پەيدا بولغان بىمارنىڭ ئېغىزى ئىچىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ياللۇغلىنىش ھەتتا يارا بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولۇپ قالىدۇ. يارىنىڭ شەكلى يۇمىلاق ياكى سوقىچاق چەمبەرسىمان ئىشىق بولۇپ، يارىنىڭ تېگىدە ئاچ كۈلرەڭلىك سىرغىتما سۇيۇقلۇق بولىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى: تاشقى جىنسىي ئەزانى پاكىزە تۇتۇپ، باشقا يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە نورمالسىز خىلىتلارنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا، شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىج، مۇسھىلىنى بېرىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号