خەنزۇچە نامى: 罗勒
تونۇش: بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى <رەيھان>، ئۇرۇقى <تۇخۇمى رەيھان> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق.
شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئېچىش، قويۇق يەللەرنى يوقىتىش، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى تەڭشەش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، يۇمشىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق كەلتۈرۈش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك تىترەش، زۇكام، يۆتەل، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بۇنىڭ يوپۇرمىقىنى پۇرىسا، كۆڭۈل ئېلىشىشنى يوق قىلىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ سۈيى قۇلاققا تېمىتىلسا ئاغرىقنى توختىتىدۇ، ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ، يوپۇرماقلىرىنى سىقىپ سۈزۈپ، سۈيى قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە چوڭ تەرەت، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىدۇ. ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ، يۈرەك قوزغىلىشنى ياخشىلايدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 5-7 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: سىركە ۋە خىرپە.
ئورۇنباسارى: بادرەنجى بۇيا، بالەنگو.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ۋە رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇندىن باشقا، ھىندىستان، ئافرىقا، ئەرەبىستان، برازىلىيە قاتارلىق ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号