خەنزۇچە نامى: 肉桂
تونۇش: بۇ كاپۇر ئائىلىسىدىكى دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان جۇڭگو دارچىن دەرىخىنىڭ قۇرۇتۇلغان قوۋزىقى ياكى شېخىنىڭ قۇرۇتۇلغان قوۋزىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ قوۋزىقى <دارچىن> ياكى <قىرفە>، يوپۇرمىقى <دارچىن يوپۇرمىقى>، گۈلى <گۈلدارچىن> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: سېسىق پۇراقنى يوقىتىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: يۈرەك، ئاشقازان-ئۈچەي ئاجىزلىقى، ھەزىم ئاجىزلىقى، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا ھەمدە يۆتەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: چىشنى چىڭىتىش ئۈچۈن سۇنۇن تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ. بەھەق ۋە داغقا ئوخشاش كېسەللەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن سىرتتىن سۈرتىلىدۇ. باھنى كۈچلەندۈرىدىغان دورىلارغا قوشۇلىدۇ، مۇناسىپ دورىلارغا قوشۇپ ئېزىپ ئەزالارغا سۈركىلىدۇ. مەجۈنات ۋە كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزىدىغان دورىلار تەركىبىگە قوشۇلىدۇ، يۆتەل ۋە دېمى سىقىلىشنى داۋالاش ئۈچۈن ھەسەل بىلەن قوشۇپ يالانچۇق تەييارلاپ بېرىلىدۇ ياكى قاينىتىپ ئىچىلىدۇ. ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىچ سۈرۈش ۋە تولغاقنى داۋالاش ئۈچۈن ئىككى گرام دارچىننى سوقۇپ ئىچكۈزىلىدۇ ھەمدە مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ تالقان قىلىپ يېيىلىدۇ، يۈرەك كېسىلى ۋە يۆتەلگە دارچىن قايناتمىسى تەييارلاپ بېرىلىدۇ. ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ قاينىتىپ ئىچكۈزىلىدۇ. دارچىندا ياغ چىقىرىپ ياغلىسا، چايان چاققان ئورۇننىڭ ئاغرىشى ۋە ئېچىشىشىنى توختىتىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 1-2 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: دوۋساققا زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: كەتىرا، ئاسارۇن
ئورۇنباسارى: سەلىخە.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ فۇجيەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن، ھىندىستان ۋە سىرلانكا قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
قوشۇمچە: دارچىننىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنى چىقىش ئورنىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ناملىرىمۇ ئوخشىمايدۇ، ھىندىستان دارچىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى ئادەتتە (تەج، قېلىن دارچىن، سەلىخە). جۇڭگو دارچىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى <قىرفە>، سىرلانكا دارچىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى <دارچىن سىرلانكا> ياكى <دارچىن> دېيىلىدۇ. بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى ئادەتتىكى <نېپىز قوۋزاقدارچىن> دىن ئىبارەت.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号