تەركىبى: گاۋزىبان ھىندى 20 گرام، بادرەنجى بۇيا 20 گرام، ئەفتىمۇن 20 گرام، ئەمەن 20 گرام، خىيارشەنبەر 60 گرام، بادام يېغى 10 گرام، قەنت 200 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى كۆرسەتمە بويىچە ئېلىپ، قاتتىق دورىلارنى چالا سوقۇپ، باشقا دورىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بىر سوتكا چىلاپ قاينىتىپ، ئەفتىمۇن، خىيارشەنبەرنى ئايرىم چىلاپ، چىلانغان دورىلارنى قاينىتىلغان دورىلارغا بىرلەشتۈرپ 5-10 مىنۇت دۈملەپ قويۇپ، تىرىپلىرىنى سىقىپ سۈزۈۋېتىپ، قەنت بىلەن ئۆرلىتىپ 500 گرام شەربەت ئېلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن بادام يېغى قويۇلىدۇ.
تەسىرى: مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، مېڭە قان تومۇرلىرىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۈچەيگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قەۋزىيەتنى بوشىتىش، سەۋدادىن بولغان مالىخۇلىيا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 100-50 مىللىلىتىرغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号