تەركىبى: قوغۇن ئۇرۇقى 20 گرام، تەرخەمەك مېغىزى 21 گرام، قاپاق مېغىزى 9 گرام، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 9 گرام، نىشاستە 9 گرام، كۆكنار ئۇرۇقى 9 گرام، گىل ئەرمىنى 9 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 9 گرام، بادام مېغىزى 9 گرام، كەتىرا 9 گرام، بەزرۇلبەنجى 6 گرام.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسپىغۇل لوئابى بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرس قىلىنىدۇ.
تەسىرى: سۈيدۈك ھەيدەش، سۈيدۈك يولىنى تازىلاش، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، مەزى بېزى ياللۇغى، مەزى بېزى ئىششىقى، مەزى بېزى يوغىناش، بۆرەككە سۇ چۈشۈش، بۆرەكتىكى، سۈيدۈك يولىدىكى تاشلارنى پارچىلاپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم 3-5 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号