• مەزى بېزى ئېلانى
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • بۇرۇن قاناش
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 13:41 16-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 2317
    مەھسۇلات ئىسمى

    بۇرۇن قاناش كۆپىنچە ئۇشتۇمتۇت قانىغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ، بەزىلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ تەكرار داۋاملىشىدۇ. 

    سەۋەبى: 

    1. ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مەسىلەن: قارا كېزىك، سەرسام (مېڭە پەردە ياللۇغى)، زاتىررىيە، قىزىل، بوغما، ئېغىر زۇكام قاتارلىق كېسەللەرنىڭ بۆھران (ئاخىرقى باسقۇچ) كۈنلىرىدە تەبىئەت (بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى) كۈچلۈك كېلىپ كېسەلنى يەڭگەنلىكتىن بۇرۇن قانايدۇ. ئىسسىق (ئاپتاپ) ئۆتۈشتىنمۇ بۇرۇن قاناش كېلىپ چىقىدۇ. 

    2. ئومۇمىي بەدەندە ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن سەپرا ماددىسى غالىب كېلىپ قاننى سۇيۇلدۇرۇپ، بۇرۇن ئىچىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن بۇرۇن قانايدۇ. 

    3. مېڭىنىڭ تېگىدىكى قان تومۇرلار چىڭقىلىپ يېرىلىش، ئۈزۈلۈشتىن بۇرۇن قانايدۇ. 

    بۇنىڭدىن باشقا بەزى كىشىلەردە بۇرۇنغا بىر نەرسە تېگىش، يېقىلىش تۈپەيلىدىن بۇرۇننىڭ ئىچىدىكى تومۇرلار زەخىملىنىپ بۇرۇن قانايدۇ. 

    زەھەرلىك يىلانلار چاققاندىمۇ قان سۇيۇلۇپ بۇرۇن قاناش كېلىپ چىقىدۇ. 

    جىگەر قاتارلىق قان ھاسىل قىلغۇچى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ناچارلاشقاندا، بۆرەك كېسەللىكلىرىدە، قان تومۇرلىرىنىڭ خىزمىتى ناچار كىشىلەر يۈگۈرگەندە ۋە سەكرىگەندىمۇ بۇرۇن قانايدۇ. 

    بۇرننى بارماق بىلەن كولاپ ئۇششاق تومۇرلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويسىمۇ بۇرۇن قانايدۇ. پېشانە ئاستىدىكى سۆڭەك سۇنغاندىمۇ بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

    ئالامىتى: 

    1. ئۆتكۈر يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ بۆھران كۈنلىرىدە يۈز بەرگەن بۇرۇن قاناشتا، بۇرۇن ئۇشتۇمتۇت قاناپ، قويۇق قارامتۇل قان كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىماردا تەرلەش، ئىچ سۈرۈش، قىزىتما چۈشۈشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

    بۇرۇن قانىغان مەزگىللەردە كېزىك، قاتتىق زۇكام، ئاپتاپ ئۆتۈش قاتارلىق سەۋەبلەر كۆرۈلسە ئۆزىگە خاس بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: بەدەن قىزىش، باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئېلىشىش قاتارلىقلار.

    2. سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) ماددىسىنىڭ غالىبلىقىدىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، سەپرا غالىبلىقىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇرۇندىن چىققان قان سۇيۇق، سۇس قىزىل رەڭدە بولۇپ، قان تەسلىكتە توختايدۇ. قاناش ئۇزۇنغا سوزۇلۇش ياكى ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. چىرايى سارغىيىدۇ، تىل گېزى سېرىق، تومۇرى تېز، ئىنچىكە بولىدۇ. 

    3. مېڭە قان تومۇرلارنىڭ يېرىلىشىدىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، ئاۋۋال باش قاتتىق ئاغرىيدۇ. يۈز-كۆزى قىزىرىدۇ. بۇرۇندىن قان جىرتىلداپ چىقىدۇ. چىققان قان سۇيۇق، ساپ قىزىل رەڭدە بولىدۇ. پات-پات قانىسا، چىققان قان ئىسسىق بولسا شىريان تومۇرىنىڭ يېرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 

    بىرەر ھادىسە سەۋەبىدىن زەخىملەنگەنلىكتىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، باش ئايلىنىش، سەكتە، سۇبات كېسەللىكلىرىدىكىگە ئوخشاش مېڭە سىلكىنىش، مېڭە خىزمىتى بۇزۇلۇش ئالامەتلىرىدىمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ. 

    زەھەرلىك يىلان چاققاندىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، زەھەرلىك يىلان چاققانلىق تارىخى بولىدۇ. ھەمدە زەھەرلىك يىلان چاققاندا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ. 

    قان ھاسىل قىلغۇچى ئەزالارنىڭ خىزمىتى ئاجىزلاشقاندىن بولغان بۇرۇن قاناشتا، ئىلگىرى شۇ ئەزالار خىزمىتى ئاقىزلاشقانغا دائىر ئالامەتلەر بولغان بولىدۇ ۋە باشقىلار. 

    داۋاسى: 

    1. بۆھراننىڭ (ئاخىرقى باسقۇچ) تەسىرىدىن بۇرۇن قانىغاندا قاننى توختىتىشقا چارە قىلمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن توختايدۇ، ياكى قايتا تەكرارلانمايدۇ. بۇ خىلدىكى بۇرۇن قاناش بۆھراننى كەلتۈرۈپ، كېسەللىكلەرگە كۆپىنچە ھاللاردا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تومۇردىن قان ئېلىشنىڭ رولىنى ئوينىشى مۇمكىن. لېكىن قاناش بەك ئېغىر دەرىجىدە بولسا مۇۋاپىق چارە قىلىش كېرەك. 

    2. سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) ماددىسىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان بۇرۇن قاناشنى داۋالاشتا، قاننىڭ تېزلىكى ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىپ نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن، دەرھال باشنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇش، باشمالتاق بىلەن يۇقىرىقى كالپۇكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىنى بېسىش، يۇقىرى بىلەكنى بوغۇش، ئىككى قۇلاقنى ئۇۋۇلاش، ئىككى پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ھەمدە چىلان شەربىتى، نېلۇپەر شەربىتى، زىرشىك شەربىتى، مەتبۇخى ھېلىلە، مەتبۇخى شاھتەررە، رىباس شەربىتى قاتارلىقلارنى كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەغەزنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى كۆك يۇمغاقسۈت سۈيى ياكى ئاياللارنىڭ سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تىقىش كېرەك. 

    10 گىرام زەمچىنى سوقۇپ، 100 گرام سىركە بىلەن قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ بۇرۇنغا تېمىتىش لازىم. 

    گىل ئەرمىنىدىن ئۈچ گرام، نىشاستىدىن ئۈچ گرام، كافۇردىن بىر گرام ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ، سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ، بۇرۇنغا تېمىتىلىدۇ ياكى پەلكۈچنى تۇخۇم ئېقىغا مىلاپ، ئاندىن يۇقىرىقى تالقانلارنى يۇقتۇرۇپ، بۇرۇننىڭ ئىچىگە سېلىنىدۇ. سەندەل، كافۇرلارنى فۇلابتا سۈرۈپ ياكى ئېزىپ پېشانىغا چاپسىمۇ بولىدۇ. 

    بادرۇج (تاغ رەيھىنى) نىڭ سۈيىنى بۇرۇنغا تېمىتسىمۇ قاننى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. باش ئارقىسىدىكى چوڭقۇرچاققا لوڭقا قويۇشنىڭمۇ بۇرۇن قاناشنى توختىتىش ئۈچۈن پايدىسى بار. بەزىدە ئوڭ بۇرۇن تۆشۈكى قانىسا جىگەر ساھەسىگە، سول بۇرۇن تۆشۈكى قانىسا تال ساھەسىگە لوڭقا قويسىمۇ بولىدۇ. 

    كېسەلنىڭ بېشىنى ئېگىزرەك قىلىپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، پېشانىسىگە سوغۇق سۇغا چىلانغان لۆڭگە قويۇپ، پات-پات يەڭگۈشلەپ تۇرۇش كېرەك. 

    ئەگەر بۇرۇن قاناش ياىشى بولماي ئۇزۇنغا سوزۇلسا، قۇرسى كەھرىۋا، شەربىتى ئەنجىبار بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گىل ئەرمىنى، نىشاستىدىن باراۋەر ئېلىپ، بىر ئاز كافۇر قوشۇپ، سىركە بىلەن خېمىر قىلىپ، چېكىگە بىر قانچە قېتىم تېڭىش كېرەك. 

    3. مېڭە تومۇرلىرى يېرىلىشتىن بولغان بۇرۇن قاناشنى داۋالاشتا زاك، زەنگار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆيدۈرگۈچى، قۇرۇتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلسە، بۇرۇن ئىچىدە چاقا پەيدا قىلىپ قاننى توختىتىدۇ. لېكىن بۇنداق دورىلارنى ئىشلىتىشتە بەك ئھتىيات قىلىش لازىم. چۈنكى ئۇلار قۇرۇق چاقا پەيداا قىلىدۇ. مەزكۇر چاقىلار سويۇلۇپ كەتسە، تېخىمۇ كۆپرەك قاناشقا سەۋەپچى بولۇشى مۇمكىن. 

    موزا، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، تۈگمە توزۇندىسى، كۇندۇر، سەبرە، خۇنسىياۋشان، زەمچە قاتارلىق دورىلارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، تالقان تەييارلاپ، لازىم بولغاندا پاختىنى تۇخۇم ئېقىغا چىلاپ تالقاننى يۇقتۇرۇپ، بۇرۇن تۆشۈكىگە قاپلاپ قويسىمۇ بولىدۇ. بەزىدە مەزكۇر تالقاننى نەيچە ئارقىلىق بۇرۇن ئىچىگە پۈركىسىمۇ قان توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىمارنى جىم ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش، پېشانىسىغا مۇز تېڭىش، باشقا سوغۇق سۇ قويۇش كېرەك. 

    ئەگەر بۇرۇن قاناش ئادەتكە ئايلىنىپ پات-پات قانايدىغان بولۇپ قالسا، قاننى قويۇلدۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلدۇرۇش، قۇرسى كەھرىۋا، شەربىتى ئەنجىبار، شەربىتى خەشخاش، شەربىتى ھەببۇلئاسلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇپ، قاننىڭ قويۇقلىشىشىغا ئاساس يارىتىش كېرەك. 

    ئومۇمەن، بۇرۇن قاناش دورىلار بىلەن توختىمىسا ۋە قان جىق چىقىپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، بىلەكنى قولتۇقتىن، چوڭ يوتىنى يېرىقتىن چىڭ بوغۇپ قويۇش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى قان بوغۇلغان تەرەپكە تارتىلىپ بۇرۇن قاناشنىڭ توختىشىغا چوڭ ياردىمى بولىدۇ. لېكىن قولنى قولتۇقتىن، يوتىنى يېرىقتىن بوغقاندا قالغان جايلارنى ئوچۇق قالدۇرۇش كېرەك. . ئەگەر ئۇنداق قىلماي قول ۋە يوتىنىڭ ھەممە جايلىرىنى ماتا بىلەن يۆگەپ تاشلىسا قول، پۇت ئۇچلىرىدىكى قاننى سىقىپ ئومۇمىي بەدەندە ئايلىنىدىغان قان مىقدارىنى كۆپەيتىپ قويىدۇ. بۇنداق قىلىش خاتا بولۇپما قالماي، بەلكى بۇرۇن قاناشنى توختىتىشقا ئىنتايىن پايدىسىز. يەنى شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەككى، بۇغۇلغان جاينى پات-پات بوشىتىپ، تەكرار بوغۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا پۇت-قول ئۇچلىرىغا قان يېتىشمەي گۆشلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ. 

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • مەزى بېزى چاپلىقى
    مەزى بېزى چاپلىقى
  • ئادەمگىياھ قۇۋۋەت كومۇلىچى
    ئادەمگىياھ قۇۋۋەت كومۇلىچى
  • جۈيمېي يۈز يۇيۇش مەلھىمى
    جۈيمېي يۈز يۇيۇش مەلھىمى
  • يېڭى يوپۇرماق ئەرلەر يۈرۈشلىكى
    يېڭى يوپۇرماق ئەرلەر يۈرۈشلىكى
  • ئېنىرجىي ئەرلەر يۈرۈشلۈكى
    ئېنىرجىي ئەرلەر يۈرۈشلۈكى
  • كوئېنزىم Q10 يۈرەك ئاسىراش
    كوئېنزىم Q10 يۈرەك ئاسىراش
  • سامساق كاپسۇلى
    سامساق كاپسۇلى
  • مېڭە قۇۋەتلەش يۇمشاق كاپسۇلى
    مېڭە قۇۋەتلەش يۇمشاق كاپسۇلى
  • بوي ئۆستۈرۈش تابلىتى
    بوي ئۆستۈرۈش تابلىتى
  • ئاشقازاننى ياخشىلاش كاپسۇلى
    ئاشقازاننى ياخشىلاش كاپسۇلى
  • ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش يۈرۈشلۈكى
    ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش يۈرۈشلۈكى
  • قارا رەڭلىك كۆپۈكچە يۈز چاپلاق
    قارا رەڭلىك كۆپۈكچە يۈز چاپلاق
  • ئالتۇن نەملىك ساقلاش ۋە سۇ تولۇقلاش بىرىكمىسى
    ئالتۇن نەملىك ساقلاش ۋە سۇ تولۇقلاش بىرىكمىسى
  • ئەتتىر پۇراقلىق چاچ گۈزەللەشتۈرۈش سۇيۇقلۇقى
    ئەتتىر پۇراقلىق چاچ گۈزەللەشتۈرۈش سۇيۇقلۇقى
  • تۈك چۈشۈرۈش مەلھىمى
    تۈك چۈشۈرۈش مەلھىمى
  • ئاياللار مۇتەخەسىسى
    ئاياللار مۇتەخەسىسى
  • قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش ئىچىملىكى
    قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش ئىچىملىكى
  • ئاياللار تۇخۇمدان ياشارتىش گۆھىرى
    ئاياللار تۇخۇمدان ياشارتىش گۆھىرى
  • ھالە بى بى كۆكرەك گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى
    ھالە بى بى كۆكرەك گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى
  • ئېشەك سۈتى ئاقسىل تالقىنى
    ئېشەك سۈتى ئاقسىل تالقىنى
  • تولۇق ئوزۇقلۇق قۇۋۋەت ئاقسىل تالقىنى
    تولۇق ئوزۇقلۇق قۇۋۋەت ئاقسىل تالقىنى
  • ماكا ئاقسىل تالقىنى
    ماكا ئاقسىل تالقىنى
  • تۆگە سۈتى ئاقسىل تالقىنى
    تۆگە سۈتى ئاقسىل تالقىنى
  • بالىلار ئاقسىل تالقىنى
    بالىلار ئاقسىل تالقىنى
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق
    پۇت ھورداق
  • پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
    پۇت ھورداق (تېزگىنەكلىك)
  • توك ئارقىلىق قىزىتىدىغان تىزلىق
    توك ئارقىلىق قىزىتىدىغان تىزلىق
  • يۇيۇنۇش ئىسسىقلىق دورىسى
    يۇيۇنۇش ئىسسىقلىق دورىسى
  • مۆتىۋەرلەر نۇسخىسى 2855
    مۆتىۋەرلەر نۇسخىسى 2855
  • مۆتىۋەرلەر نۇسخىسى 2850
    مۆتىۋەرلەر نۇسخىسى 2850
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 8993
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 8993
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 8929
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 8929
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئەسۋابى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • تۇمانلىتىپ داۋالاش ئاپىراتى (2)
    تۇمانلىتىپ داۋالاش ئاپىراتى (2)

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号