تۇغما پۇراش سېزىم ئاجىزلىقى پۇراش سېزىمىنىڭ تۇغما ئاجىزلىقى ياكى تولۇق بولماسلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىدا مەلۇم يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بولۇشى ياكى بەزى كېرەكلىك ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن، بوۋاقنىڭ پۇراش سېزىم ئەسەبلىرى تولۇق تەرەققىي قىلالماي، نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنى پۈتۈنلەي ياكى چالا سېزەلمەس بولۇپ تۇغۇلۇپ قالىدۇ.
ئالامىتى: بالىلارنىڭ ھەرخىل پۇراقلارنى تولۇق ياكى قىسمەن پۇرىيالمايدىغان ھالەتتە تۇغۇلغانلىقى كېيىن تەدرىجىي ھالدا بىلىنىدۇ.
داۋاسى: كېسەللىك ئەھۋالى يېڭى ۋە يەڭگىلرەك بولسا، پۇراش سېزىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئايارەج پەيقىرا، مەجۈنى مەسھا قاتارلىق ئۇيغۇر تىبابەت دورىلارنى بالىنىڭ يېشىغا قاراپ بىر مەزگىل بەرسە پۇراش سېزىمى تەدرىجىي ھالدا ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئەگەر كېسەللىك تارىخى ئۇزۇن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرراق بولسا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号