• مەزى بېزى ئېلانى
  • ئادەمگىياھ
  • خانىم-قىزلار
  • كۆزەينەك
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · تاقىر باش
  • · چاچ ئاقىرىش
  • · قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان چاچ چۈشۈش
  • · قۇرغاقلىق ۋە كىپەكلىشىپ چاش چۈشۈش
  • · چاچنىڭ مايلىشىپ چۈشىشىنىڭ داۋاسى
  • · چاچ چۈشۈش
  • · قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
  • · تېرىمىزگە ماس كېلىدىغان گىرىم بويىمى سېتىۋالايلى
  • · تېرىنى سىلىق قىلىش ئۈچۈن
  • · يۈز تېرىڭىزنى ئاسىراشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ
  • · ھەرخىل گىرىم بويۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تېرە ياللۇغى
  • · تېرىڭىز سەزگۈر بولسا....
  • · بۆرە چاقىسى
  • · ئاق كېسەلدىن ساقلىنىش
  • · قوتۇر كېسىلىنى داۋالاش
  • · يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق دانخورەكنى داۋالاش ئۇسۇلى
  • · يۈز تېرىسىنى ئاسىراشتىكى ياخشى ئادەتلەر
  • · سىفلىس
  • · چاشقان يارىسى
  • · يەلتاشما
  • · تۈك خالتا ياللۇغى
  • · ھۆل تەمرەتكە
  • · بەھەق
  • · دانخورەك
  • · باش تەمرەتكىسى
  • · بەلباغسىمان قوقاق
  • · نىمە ئۈچۈن سۆگەل پەيدا بولىدۇ
  • · ئاق كېسەل
  • · سۆگەلنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى
  • · يۈزىڭىزگە مېۋە چاپلىماڭ
  • · ماشىنا ھەيدىگەندە دېرىزىنى ئېچىپ قويۇش تېرە راكىنى پەيدا قىلىدۇ
  • · قىچىشقاق
  • · تېرە گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى...
  • · كالتە يوپكا كىيىش تېرە ياللۇغىنى شەكىللەندۈرىدۇ
  • · تەڭگىسىمان تەمرەتكە (قاسقاراقلىق تەمرەتكە)،(كالا تەمرەتكە)
  • · دانخورەكنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشنى بىلەمسىز؟
  • · تېرە قىچىشىشقا سەل قارىماڭ
  • · تېرە ئاسراشتىكى ئالتە خىل سەۋەنلىك
  • · تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى
  • · تېرە ئاستىغا قان چۆكۈش
  • · تېرىنىڭ قىچىشىشى كېسەللىكنىڭ بېشارىتى
  • · قارىداش كېسىلى
  • · سېزىم ئىشش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ
  • · كۆز ئەتراپىنى ئاپتاپتىن ساقلاش بۇيۇمىنى تاللاشتا...
  • · باش پىياز بىلەن كۆيۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ
  • · ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
  • · تېرىڭىزنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ
  • · شوخلىنى پىشۇرۇپ يېيىش تېرىنى ئاسراشقا پايدىلىق
  • · پاشا چاققاندا
  • · تېرىڭىزنى ئاقارتماقچى بولسىڭىز
  • ئاق كېسەل
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 23:54 14-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 2866
    مەھسۇلات ئىسمى

    1-تونۇش.

    ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تېرىنىڭ مەلۇم قىسىمى ياكى كۆپ قىسىمى ھەتتا پۈتۈن بەدەن تېرىسىنىڭ ئەسلى رەڭگى ئۆزگىرىپ ئاقىرىپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، لېكىن سالامەتلىك بىلەن ھاياتلىق ۋە تۇرمۇشتا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان، تىرە گۈزەللىكىگىلا تەسىر يەتكۈزۈپ بىمارغا روھىي ئازاب كەلتۈرىدىغان تونۇش بىر قەدەر ئاسان، داۋالاش نىسبەتەن قىيىنراق بولغان يۇقۇمسىز سوزۇلما خاراكتېردىكى تىرە كېسەللىكلىرىدىن ئىبارەت.

    2-كېسەللىك سەۋەبلىرى:  1) خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى:

    (1) بەدەندە بەلغەم خىلىتىنىڭ مىقدار جەھەتتىن ئارتىپ كېتىشى. (2) بەلغىمى شوردىن ھاسىل بولىدۇ، بەلغەم+ سەپرا. (3)مۇرا تەملىك بەلغەم خىلىتىدىن بولىدۇ. بەلغەم+سەۋدا (4) سەۋدا ۋە سەپرا خىلىتلىرىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىنمۇ بولىدۇ.

    2) رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى. 3) ئۇدۇم ئامىلى، 4) قان ئازلىق. 5) خىمىيەلىك ئامىللار. 6) بەزى كېسەللىكلەردىن ئاسارەت سۈپىتىدە پەيدا بولىدۇ. 7) تازىلىق. 8) يېمەك-ئىچمەك. 9) مۇھىت.

    3-پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى: ئاق كېسەل ئومۇمىي بەدەن تېرىسىنىڭ ھەر قانداق ئورۇندا پەيدا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر. يەنە ئېغىز ئىچى، كالپۇك، جىنسىي لەۋ قاتارلىق شىللىق پەردىلەردىمۇ پەيدا بولىدۇ, لېكىن بەدەن تېرىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدا پەيدا بولۇش نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ.

    ئاق كېسەل كىشىلەرنىڭ يېشى، جىنسىي، مىللەت، ئېرىق پەرقىگە قارىماستىن ھەر قانداق ياش، ھەر قانداق جىنس ھەر قانداق مىللەت، ئېرىقتىكىلەردە پەيدا بولىدۇ. بەدەن تىرىلىرىدىكى پەيدا بولۇش ئورنى ۋە نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بولۇپمۇ بويۇن، گەۋدە، يۈز قىسىم، باش، بارماق، بېغىش، جەينەك، بەل، توققۇز كۆز ۋە ئەۋرەت ساھەسى قاتارلىق جايلار تېرىسىدە، نىسبەتەن كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.

    پەسىل جەھەتتە:  كۆپىنچە كۆز ۋە قىش پەسىللىرىدە ئۇچرايدۇ. ياكى كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىپ، ياز پەسلىدە يېنىكلەيدۇ. ياكى تەرەققىياتى ئاستىلايدۇ. سوغۇق جايلارغا قارىغاندا ئىسسىق جايلاردا، شەھەرلەرگە قارىغاندا يېزا-قىشلاقلاردا ياشىغۇچىلاردا نىسبەتەن ئازراق بولىدۇ.

    4-كىلىنىكىدىكى تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى.

    ئاق كېسەل كىلىنىكىدا :

    1) رەڭگىگە قاراپ: ئاق بەرەس ۋە قارا بەرەس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    2) داغنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ

    چېكىتسىمان ئاق داغ ۋە ياپىلاق ئاق داغ دەپ ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ.

    كىلىنىكىدا: چېكىتسىمان ئاق داغ بىلەن ياپىلاق ئاق داغنىڭ ئارىلىشىپ كېلىش نىسبىتى خېلى يۇقىرى بولۇپ، بۇ كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

    3) ئاق داغنىڭ بەدەنگە تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ:

    سىممېتىرىك ئاق داغ ۋە سىممېتىرىكسىز ئاق داغ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    پەيدا بولۇش نىسبىتى: سىممېتىرىك ئاق داغ %52. 25, سىممېتىرىكسىز ئاق داغ:  % 47. 5

    4) تىرە قەۋىتىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىگە قاراپ:بەرەس ۋە بەھەق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    5) تىرە قىسىمىغا تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ:

    (1) كەڭ دائىرىلىك (تېرىنىڭ ھەر قايسى قىسىمدا پەيدا بولىدىغان سىممېتىرىك تىپى)

    (2) تار دائىرىلىك (تېرىنىڭ مەلۇم قىسمىدا سىممېتىرىكسىز پەيدا بولىدىغان تىپى)

    (3) بۆلەكلەر تىپى (نېرۋا شاخچىلىرىنىڭ يۆلىنىشىنى بويلاپ تارقىلىدىغان پەيدا بولىدىغان تىپى) دەپ ئۈچ تىپقا بۆلۈنىدۇ.

    پەيدا بولۇش نىسبىتى: كەڭ دائىرىلىك %51. 2، دائىرىلىك تىپى %32، بۆلەكلەر تىپى %16. 8

    6)  ئاق داغنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قاراپ: (1) ئاشكارا ئاق داغ (2) يوشۇرۇن ئاق داغ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يوشۇرۇن تىپتىكى ئاق داغ تېرىنى ئاپتاپقا قاقلاپ ساق تىرە كۈن نۇرىدا قارىغاندا ئاندىن بايقىلىدۇ.

    7) ئاق داغنىڭ تەرەققىيات ھالىتىگە قاراپ: تۇراقلىق تىپ ۋە تۇراقسىز تىپ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

    ئاق كېسەلنىڭ ئىپادىسى: ئاق كېسەل پەيدا بولىشىدىن ئىلگىرى ئومۇمىي بەدەن ياكى يەرلىك ئورۇن تېرىسىدە ھېچقانداق ھېسسىي ئالامەتلەر بولمايدۇ. ئەمما ئايرىم زىيادە سېزىمچان كىشىلەردە، ئاق كېسەلنىڭ يوشۇرۇن تىپىدا يەرلىك ئورۇندا يېنىك دەرىجىدە قىچىشىش ياكى ئېچىشىشقا ئوخشاش غەيرى سېزىم پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل تىپى ئاشكارا ئىپادىلەنمەستىن ئاپتاپتا قاقلىنىپ، ساق تىرىلەر قارايغاندا، ياكى لوپا ئەينەك بىلەن تەكشۈرگەندە، ئاندىن بايقالغىلى بولىدۇ.

    ئاشكارا تىپىدا: تىرىدە ھەر خىل چوڭلۇقىدا ياپىلاق ياكى چېكىتسىمان ئاق داغ پەيدا بولىدۇ. نورمال تىرە بىلەن چېگراسى ئېنىق كۆپىنچە سىممېتىرىك، بۇ خىل داغلار تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئۆز ئارا تۇتىشىپ مەلۇم ئەزا ياكى پۈتۈن بەدەننى قاپلايدۇ. ئاق داغ ئورنىدىكى تىرە قەۋىتىنىڭ زەخىملىنىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كىلىنىك ئىپادىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر زەخىملىنىش دەرىجىسى يۈزەكى تىرىدە بولسا، ئاق داغ يۈزى ئېقىش، تېگى سۇس قىزغۇچ يۈزى ئانچە سىلىق ئەمەس زىمادلارنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. قول بىلەن ئۇۋۇلىغاندا ياكى ئاپتاپتا قاقلىغاندا ئاسان قىزىرىدۇ. بەدەن تەرلىگەندە تەرلەيدۇ. ھەم ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىدۇ ۋە قىچىشىدۇ. يىڭنە سانجىغاندا قان چىقىدۇ. كېپەكلىشىدۇ. تۈكلەر ئاقارمايدۇ. ھەر خىل سېزىم نورمال بۇ تىپى بەھەق دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر زەخىملىنىش دەرىجىسى ھەقىقىي تىرە، تىرە ئاستى توقۇلمىسى، ھەتتا مۇسكۇل سۆڭەكلەردە بولسا، ئاق داغ قېلىش، سۈرۈك سىلىق ھەم پارقىراق بولۇپ، قول بىلەن بېسىپ ئۇۋۇلىغاندا ياكى ئاپتاپقا قاقلىغاندا ئاسانلىقچە قىزارمايدۇ. زىمادلارنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇستىدىن زىمادلارنى بېسىپ سۈرتكەندە ئاندىن ئۆزىگە ئالىدۇ. ۋە قىزىرىدۇ. كېپەكلىشىدۇ. سېزىم ئوخشىمىغان دەرىجىسىدە تۆۋەنلەيدۇ. يىڭنە سانجىغاندا قان چىقمايدۇ. ئېقىش، يېپىشقاق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. تەرلىمەيدۇ، تۈكلەر ئاقىرىدۇ. ئاق كېسەلنىڭ بۇ خىل تىپى بەرەس دەپ ئاتىلىدۇ.

    بەرەس بىلەن بەھەقنىڭ ئىپادىلىنىشىدە يۇقىرىقىدەك پەرقلەر بولسىمۇ لېكىن داۋالاش پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش چۈنكى كېسەل پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلىرى ئوخشاش لېكىن بەھەق يازدا، بەدەن تەرلىگەندە كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىدۇ. داۋالاشتا بەھەقنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى لېكىن قايتا قوزغىلىدۇ، بەرەسنىڭ داۋانى قوبۇل قىلىشى تەسرەك ساقىيىش نىسبىتى تۆۋەن، داۋالاش جەريانى ئۇزۇن، بەھەقنى داۋالاشتا، ئاپتاپقا قاقلىسىمۇ بولىدۇ.

    بەھەق كۆپىنچە ھاللاردا كۆكرەك بويۇن، تاغاق، يۇقىرىقى بىلەك، قورساق ساھەلىرىدە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. ياشلاردا نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدۇ. ياز پەسلىدە كۆپ قوزغىلىپ، قىش ۋە كۈز پەسلىدە يېنىكلىشىدۇ.

    يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن بەھەق بىلەن بەرەسنىڭ مۇقەددىمىسى بەرەس بولسا بەھەقنىڭ نەتىجىسى دېگەن خۇلاسىگە كېلىمىز. ياكى بەھەقنىڭ ئاق كېسەلنىڭ يۈزەكى باسقۇچى، بەرەسنى ئاق كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دېگەن خۇلاسىگە كېلىمىز.

    بەرەستە يۇقىرىقىدەك تىپىك ئىپادىلەر كۆرۈلگەندىن سىرت بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان تىپى ۋە قان زەردابىدىكى مىكرو ئىلمېنىتلار ۋە چېچىنى تەكشۈرگەندە نۇرغۇنلىغان ماددىلارنىڭ تۆۋەنلىكىنى, ئېلېكتىرونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدا يەرلىك ئورۇندىكى يۈزەكى تېرىنى كۆزەتكەندە ئاساسىي قاتلام تىكەنلىك قاتلام، دانلىق قاتلام، ھۈجەيرىلىرىنىڭ سەل كېڭىيىپ، ھۈجەيرە ئارىلىق سويۇقلۇقىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقتىن قارا رەڭ پىگمېنت تەنچىلىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ.

    يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بىماردا ئىلگىرى روھىي جىددىيلىك غەم قايغۇ نېرۋا ئاجىزلىق، روھىي زەربە، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىق روھىي ۋە نېرۋا سىستېمىسىغا ئائىت ئالامەتلەر ھەم ئىچكى سېكتىرىيە سىستېما خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىق تارىخىنىڭ بار-يوقلىقى، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن تەدرىجىي ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاق كېسەلنىڭ يۈز بېرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا روھىي ۋە نېرۋا ئامىللىرىنىڭ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    سېلىشتۇرما دىياگنوزى:

    1) بەھەقتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. (يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتۈلدى)

    2) ماخاۋ (جورام) كېسىلىدىن چۈشىدىغان ئاق داغدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. جورام كېسىلىدە تېرىگە چۈشىدىغان ئاق داغ تەرتىپسىز شەكىلدە بولىدۇ. دەسلەپ ئاقۇش بولۇپ، كىيىن ئاچ سېرىق، ئاچ قىزىل ياكى خورما رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ساق تىرىدىن سەل كۆتۈرلۈپ چىقىدۇ. داغ چۈشكەن جاي سېزىمىنى يوقىتىدۇ.

    تىرىدە قىسمەن سويۇلۇش بولىدۇ، قىچىشمايدۇ، تەرلىمەيدۇ، ئاغرىمايدۇ، ئومۇمىي بەدەندە جورام كېسىلىگە خاس ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، قان تەكشۈرگەندە جورام مىكروبى چىقىدۇ، يۇقۇملۇق بەدەندە قىزىتما بولىدۇ. شىر يۈزىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئاپتاپتىن قاچىدۇ. داۋالىغاندا ئاپتاپتا قاقلىنىدۇ.

    3) سىفلىس كېسىلىدىكى ئاق داغدىن پەرقلىنىدۇ. سىفلىس كېسىلىدىمۇ تىرىدە ئاق داغ پەيدا بولىدۇ، بەدەندە سىفلىسنىڭ باشقا ئالامەتلىرى بىرگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ. قان تەكشۈرگەندە سىفلىس ھەم پارقىلراق بولمايدۇ.

    4) بەدەن تەمرەتكىسىدىن پەرقلەندۈرۈش. مەزكۇر كېسەل كۆپىنچە بويۇن، غول، كۆكرەك، ۋە قۇرساق قىسىملارغىچە تارقىلىدۇ. رەڭگى ئاق چېگراسى ئېنىق كېپەكلىشىدۇ. تىرە تاشلاپ قىچىشىدۇ.

    5) ياشانغانلاردىكى ئاق داغدىن پەرقلەندۈرۈش. كۆپىنچە 60ياشتىن ئاشقانلارنىڭ قورساق ۋە دۈمبە قىسىملىرىدا چوڭلىرى تەڭگىدەك كىچىكلىرى چېكىتتەك ئاق داغلار پەيدا بولىدۇ. بۇ ياشانغانلاردىكى قۇۋۋەت ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ، بەدەن ئاجىزلىشىپ، تىرە ئېلاستىكلىقىنى يوقۇتۇپ قۇرغاقلىشىپ، رەڭ پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ چېكىنىشىگە باشلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى

    6) تەڭگە تەمرەتكە ئاسارىتىدىكى ئاق داغدىن پەرقلەندۈرۈش: مەزكۇر كېسەل تەڭگە تەمرەتكە ساقايغاندىن كىيىن پەيدا بولۇپ 3ئايدىن بىر يىلغىچە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ. قىچىشىدۇ، قاسراقلىنىدۇ، تۆكۈلىدۇ.

    7) كۆيۈك، سىرتقى زەخمىلەردىن كىيىن پەيدا بولىدىغان ئاق داغدىن پەرقلىنىدۇ.

    داۋالاش پىرىنسىپى: 1) يېمەك ئىچمەكتە پەرھىز تۇتۇش. 2) مىزاجنى تەڭشەش 3) خاس دورىلار بىلەن قۇۋۋەت دورىلىرىنى بىرگە ئىشلىتىش. 4) ئاپتاپقا قاقلاپ سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش. 5) روھىي داۋالاش

    1-يېمەك ئىچمەكتە داۋالاش

    مەقسەت:

    (1) مىزاجنىڭ داۋاملىق بۇزۇلۇشىنى توسۇش.

    (2) بىمارغا تەبىئىي ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى بۇيرۇش ئارقىلىق جىگەردىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىلىتلارنىڭ داۋاملىق خام قېلىشىنى توسۇس. ياكى خىلىتلارنىڭ پىشىشىنى تىزلىتىش.

    (3) غەيرى تەبىئىي مىزاجنىڭ تۈزۈلۈشىگە شارائىت يارىتىش .

    (4) مىزاجنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار بىلەن مەخسۇس دورىلارنىڭ رولىنى كۆپەيتىشكە شارائىت ھازىرلاشتىن ئىبارەت.

    بۇ مەقسەتتە ؛ بىمارغا كالا گۆشى، ئۆچكە گۆشى، بېلىق، تۇخۇم، سۈت، قېتىق، دوغاپ، چوكا مۇز، پىۋا، سېرىق ئاش، راڭپىزا قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز بۇيرۇلىدۇ. كەكلىك گۆشى پاقلان، قوي گۆشى، كەپتەر باچكىسى، قۇشقاچ گۆشى، پاقلان گۆشى قاتارلىقلارنى كاۋاپ قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاشقازان ھەزىمنى ياخشىلىغۇچى يەل، تارقاتقۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى سېپىپ يېيىشكە بېرىلىدۇ. پىشقان نەشپۈت، قىزىل ئۈزۈم، قۇرۇق ئۈزۈم، سەۋزە، پالەك، سامساق قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش، ئىسسىق تەبىئەتلىك چايلىق تەييارلاپ بېرىش، دورىلار سۈيىدە يۇيۇندۇرۇش جىنسىي مۇناسىۋەتنى چەكلەش، تار كىيىم-كېچەكلەرنى كىيمەسلىك.

    1. مىزاج تەڭشەش: 

    مەقسەت: (1) مىزاجنىڭ داۋاملىق غەيرى تەبىئىيلىكىگە ئۆزگىرىشنى توسۇش.

    (2) غەيرى تەبىئىي مىزاجنى تۈزەش ئارقىلىق رەئىس ئەزالار خىزمىتى بىلەن بەدەندىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ رولىنى ئەسلىدىكى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ كېسەللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ ئىچكى مۇھىتىنى يارىتىش.

    (3) بەدەندىكى خام ماددىلارنىڭ پىشۇرۇش بىلەن بىرگە زىيانلىق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش ياكى زەھەرسىزلىنىش ئارقىلىق بەدەننى تازىلاپ، توسالغۇلارنى ئېچىش.

    (4) بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، بەدەننىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش .

    (5) جىگەردىكى تەبىئىي ئىسسىقلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ماددىلارنىڭ پىشىشىنى تىزلىتىش بىلەن بىرگە چۆكمىلەرنى ئېرىتىپ، توسالغۇلارنى ئېچىش ئارقىلىق قان ئايلىنىشىنىڭ راۋانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

    مۇنزىچ بېرىشتە قايسى خىلىتنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشتىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىلىتقا قارىتا مۇنزىچ بېرىلىدۇ. ياكى ئورتاق ئاق كېسەلگە مۇنزىچ بېرىلىدۇ.

    مۇنزىچنى بېرىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە مۇسھىل بېرىلىدۇ.

    1) بىمارنىڭ ئۇيقۇسى بىلەن ئىشتىھاسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانسا.

    2) چوڭ-كىچىك تاھارەت قېتىم سانى نىسبەتەن كۆپىيىش.

    3) بەدىنى قىزىغاندەك ھېس قىلىش، (بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال )

    4) روھىي ھالىتى تېتىكلىشىپ، پۇت-قوللىرىغا ماغدۇر كىرگەندەك ھېس قىلىش.

    5) يەرلىك ئورۇندا قىچىشىش، قىزىرىش، سۇ كۆتۈرۈش، خال پەيدا بولۇش ئەتراپتىن مەركەزگە قاراپ كىچىكلەش.

    يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن ئالدىنقى 4 خىلى روشەنلەشكەندىن كىيىن، بەدەننى تازىلاش باسقۇچىغا ئۆتىمىز.

    بەدەننى تازىلاشتا: يۇقىرىقى مۇنزىچقا مۇسھىل دورىلىرى قوشۇپ بېرىلىدۇ. ياكى مەخسۇس تازىلىغۇچىلاردىن : مەتبۇخ ئەفتىمۇن، چىلان، گۈلقەنت، جىپ ئايارەچ، ئايارەچ لوغانزىيا، مەتبۇخ ھەلىلە قاتارلىقلار ئەھۋالىغا قاراپ بېرىلىدۇ.

    2. مەخسۇس دورىلار بىلەن قۇۋۋەت دورىلىرىنى بىرگە ئىشلىتىش:

    مەقسەت:

    (1) كەيپىياتى ئىسسىق دورىلار ئىشلىتىپ، بەدەن جۈملىدىن جىگەردىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بەدەندىكى خام ماددىلارنىڭ داۋاملىق پىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تېرىسىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە بىرلىكىگىچە تولۇق يېتىپ بېرىشىنى تىزلىتىش چۆكمىلەرنى ئېرىتىپ توسالغۇلارنى ئېچىش.

    (2) بەدەندىكى تەبىئىي ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ، بەدەننىڭ كېسەللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش.

    (3) مېڭە، يۈرەك، جىگەرنى ئاساس قىلغان بارلىق ئەزا توقۇلمىلارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، بەدەندىكى ئۈچ چوڭ قۇۋۋەتنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش.

    (4) ئاق داغ بار ئورۇندىكى تىرىدە رەڭ ماددىسىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

    (5) زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ زەھەرسىزلەندۈرۈش.

    يۇقىرىقى مەقسەتتە تۆۋەندىكى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈن كالىزىرە، قۇرسى كالىزىرە ئوكۇلى، مەجۈن بەرەس شەربىتى بەرەس، ئىتتىرفىل ھەكىم ئېلى، قۇرسى سوزاپ، مەجۈن سوم، ئىسغار ئوكۇلى، سىيادان ئوكۇلى، زەفەر ئوكۇلى، ئايارەچ لوغانزىيا، ئىتتىرفىل ھامان، زەبىب، ماددەدۇل ھايات، ئەرقى نانىخۇا، مەجۈن نانىخۇا، سىفوفى خولىنجان، مەجۈن چۆبىچىن، جىپ لاجۋەر، قۇرسى ئىسكەندەر جىپ ئىبنى ھېرىس، مەجۈن ئەفى بەرەس، تەرياقى بەرەس، سىفۇفى ھەلىلە سىيا، جىپ مارى بەرەس قاتارلىق دورىلار بىمارنىڭ مىزاجى ۋە خىلىت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمىغان داۋالاش باسقۇچلىرىغا ئۇزۇن مۇددەت تاللاپ بېرىلىدۇ.

    4. ئاپتاپقا قاقلاپ سىرتىدىن دورا سۈركەپ داۋالاش:

    مەقسەت: 

    (1) كۈن نۇرىنىڭ ئىسسىقلىقى بىلەن بەدەندىكى تەبىئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ماددىلارنى پىشۇرۇش بىلەن چۆكمىلەرنى ئېرىتىش ياكى ئېرىشنى تىزلىتىش.

    (2) ئاق داغ بار ئورنىدىكى قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قاننىڭ ئېقىتىش مىقدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئاق داغ بار ئورۇندىكى تېرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە زىيانلىق ماددىلارنىڭ چىقىرىلىش ئەزالىرىغا يەتكۈزۈلۈشىنى تىزلىتىش.

    (3) تېرىدىكى تەر بەزلىرىنى غىدىقلاپ تەرلىتىش ئارقىلىق بەدەندىكى زىيادە نەملىك بىلەن زىيانلىق ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىشنى تىزلىتىش ھەمدە خىلىتلارنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش.

    (4) ئاق داغ بار ئورۇندىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇلۇق قاپارتما پەيدا قىلىش ئارقىلىق، يەرلىك ئورۇندىكى چۆكمىلەرنى زەرداب ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ، تېرىنىڭ نورمال قان ئايلىنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

    (5) تىرە رەڭ ماددىسىنى بىرىكتۈرگۈچىسىنى تىزلىتىش:

    بۇنىڭ ئۈچۈن سىرتىدىن ئەھۋالىغا قاراپ، مۇرەككەپ مەلھەملەردىن: مەلىھمى پەردىيۇن، تۇخۇم يېغى، مەلھىنى ئوقاپ، زىماتى زەرىخ، زىماتى ئادراسىمان، تىزابى بەرەس، روغىمى قۇرستە مۇرەككەپ، كىلەمەلھىمى، سامساق مەلھىمى، پىدىگەن يېغى، زىماتى بەرەس، سىيادان يېغى، شەترەنجى چالغۇتمىسى، بۆرە ئەرمىنى، بوتقىسى، مازىرۇن چۆپىنىڭ سۈپى، ھۆل ئەمىن سۈيى، ھەشقىپىچەك تىنىكتۇرىسى، قىچاشىرىسى، تال سۈيى، چارا ئوت سۈيى، ياۋا زىرە يىلتىزى پوستى سۈيى، گۈلى قەقەھنىڭ سۈيى، ۋاڭ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيى، ئەنجۈر يوپۇرمىقىنىڭ سۈيى، يۆگىمەچ ئوتنىڭ سۈيى، جىن كىۋىزىنىڭ ئىسپىرتتىكى %30، %20، %10لىك ئېرىتمىلىرى ئىشلىتىلىدۇ.

    جىن كىۋىزى تىنىكتۇرسىدىن مەيدە، قول، پۇت، دۈمبە، يوتا قاتارلىق تېرىسى بىر قەدەر قېلىنراق بولغان ئورۇنلارغا %30لىك ئېرىتمىسى ئىشلىتىلىدۇ. شىللىق پەردىلەردىكى %10لىك ئېرىتمىسى سۇ كۆتۈرۈتكۈزۈش ئۈچۈن %5لىك ئېرىتمىسى داۋاملىق غىدىقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا %10لىك قەلەمپۇر تىنىكتۇرمىسى، %30، %20لىك ئېقىل قارھاننىڭ تىنىكتۇرمىسى، %10-%5لىك جۇۋنا تىنىكتۇرلىرى ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرىقى تىنىكتۇرلارنى ئىمكانقەدەر ئسىپىرىتتا ئېرتمەي، مۇمكىن قەدەر سىركىدە ئېرىتكەن ياخشىراق، ياكى ئاچچىسۇدا ئېرىتسىمۇ بولىدۇ.

    سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش بىلەن كۈن نۇرىغا قاقلاشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، ئاق كېسەلنى داۋالاشتىكى مۇھىم ھالقا، شۇڭا دورا سۈركەپ، كۈن نۇرىغا قاقلاشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر.

    1-ھەرخىل يۈرەك كېسەللىكى. يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى، ئۆپكە سىلى، سوزۇلما جىگەر ياللۇغى، دىيابېت، قالقان بەز قاتارلىقلار خىزمىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، قاتارلىق كېسەللەر بار كىشىلەرنى، تىنى ئاجىز، قان ئازلىق كېسىلى بارلارنى، ياشانغانلار بىلەن بالىلارنى ئاپتاپقا قاقلىما سىلىق بولۇپمۇ (ھەيز مەزگىلىدىكى ئاياللار، قاناشقا مايىل كېسىلى بارلارنى) ئەگەر ئاپتاپقا قاقلاشقا توغرا كەلسە، قاقلىنىش ۋاقتى، بەك ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك.

    2-بىمار ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن ئىلگىرى، ئوبدان تويۇنىشى، ئۇسسۇزلىقى ئۈچۈن چاي دورىسى، ھەسەل سېلىنغان قىزىق چاي تەييارلىۋىلىشى لازىم.

    3-ئاق داغ بار ئورۇندا قاپاتما پەيدا بولغاندىن كىيىن يۇقۇملىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاپتاپقا قاقلىنىدىغان ئورۇننى ئالدى بىلەن %2. 5-2لىك يۇد ئېرىتمىسى، كىيىن %75لىك ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش لازىم.

    4-يەرلىك ئورۇنغا دورا سۈركىگەندە، ئاق داغ بار ئۇرۇن سىدام بولغانلىقتىن دورىنى ئۆزىگە ئالمايدۇ. شۇڭا دەسلەپ دورا سۈركىگەندە يەرلىك ئۇرۇننى دورىغا چىلانغان پەلكۈچ بىلەن ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم بېسىپراق سۈرتۈش كېرەك، ئاق داغ بار ئۇرۇن رەسمىي قىزىرىپ، سۈرتۈلگەن دورىنى ئۆزىگە ئالغاندىن كىيىن دورا سۈرتۈش ئارىلىقى مۇۋاپىق ئۇزارتىلىدۇ. شۇنداقلا تېرىقتىن چوڭراق سۇلۇق (تەكشى) قاپارتما پەيدا بولغاندا ئاپتاپقا قاقلاپ دورا سۈرتۈشنى توختىتىش كېرەك.

    5-ئاق داغ دائىرىسى كەڭ بولسا، ئاپتاپقا بۆلۈپ قاقلاش لازىم. ئادەتتە تىرە خاللىرى كۆپىنچە تۈك خالتا ئېغىزلىرى ئەتراپىدا پەيدا بولىدۇ. ئۇ چوڭىيىپ، ئۆز-ئارا قوشۇلۇشىدىن ئاق داغلار تەدرىجىي يوقۇلىدۇ. شۇڭا خال پەيدا بولغان ئۇرۇندىكى ئاق تۈكلەرنى يۇلماسلىق لازىم.

    6-ئاپتاپتا قاقلانغان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ مەيلى سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئاپتاپتا قاقلىنىپ بولغاندىن كىيىن دەرھال يوتقانغا چۆمكىنىپ 2-1سائەتتىن كىيىن ئارام ئېلىشى لازىم.

    7-ئاپتاپقا قاقلىنىشتا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 28-27 سېلسىيە گىرادۇس، تۆۋەن تېمپېراتۇرا 16-17سېلسىيە گىرادۇس تىن يۇقىرى بولۇش، شامال كۈچى 3بالدىن تۆۋەن بولۇش ھاۋا ئۇچۇق ۋە قۇرغاق بولۇشى لازىم.

    8-كۈن تۇتۇق، يامغۇر ياغقان، بوران چىققان كۈنلىرى، ئاپتاپقا قاقلىنىشقا بولمايدىغان ئەھۋالدا سىرتىدىن تۇخۇم مېيى سۈركەپ كۈن نۇرىغا قاقلاشقا بولىدۇ.

    9-ھەر قانداق باھانە سەۋەب بىلەن ئاق داغ بار ئورۇندا كىسلاتا ياكى ئىشقارغا ئوخشاش كۈچلۈك غىدىقلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

    5. روھىي داۋالاش: روھىي جەھەتتىن چوقۇم ساقىيىپ كېتىشكە ئىشەندۈرۈش، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش، تەسەللىي بېرىش، ھەر خىل جىسمانىي ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندۇرۇش.

    6. ساقىيىش باسقۇچى. (1) قىزىرىش. (2) سۇ كۆتۈرۈش. (3) خال پەيدا بولۇش. (4) خاللار ئۆز ئارا تۇتىشىش. (5) ئاق داغ كىچىكلەش. (6) ئارىلاشما باسقۇچى. 

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • مەزى بېزى چاپلىقى
    مەزى بېزى چاپلىقى
  • كۈچ-قۇۋۋەت ئاقسىل تالقىنى
    كۈچ-قۇۋۋەت ئاقسىل تالقىنى
  • ئادەمگىياھ قۇۋۋەت كومۇلىچى
    ئادەمگىياھ قۇۋۋەت كومۇلىچى
  • جۈيمېي يۈز يۇيۇش مەلھىمى
    جۈيمېي يۈز يۇيۇش مەلھىمى
  • يېڭى يوپۇرماق ئەرلەر يۈرۈشلىكى
    يېڭى يوپۇرماق ئەرلەر يۈرۈشلىكى
  • مۆتىۋەرلەر نۇسخىسى 2855
    مۆتىۋەرلەر نۇسخىسى 2855
  • مۆتىۋەرلەر نۇسخىسى 2850
    مۆتىۋەرلەر نۇسخىسى 2850
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 9627
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 8993
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 8993
  • كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 8929
    كۆز ئاسىراش كۆزەينەك 8929
  • شېكەرسىز يۇقىرى كالىتسىيلىق ئاقسىل
    شېكەرسىز يۇقىرى كالىتسىيلىق ئاقسىل
  • تۆگە سۈتى ئاقسىل تالقىنى
    تۆگە سۈتى ئاقسىل تالقىنى
  • يۇيۇنۇش ئىسسىقلىق دورىسى
    يۇيۇنۇش ئىسسىقلىق دورىسى
  • مېڭە قۇۋەتلەش يۇمشاق كاپسۇلى
    مېڭە قۇۋەتلەش يۇمشاق كاپسۇلى
  • بوي ئۆستۈرۈش تابلىتى
    بوي ئۆستۈرۈش تابلىتى
  • سۇلۇ قۇۋۋەت تالقىنى
    سۇلۇ قۇۋۋەت تالقىنى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئەۋرەت ھوردىقى
    ئەۋرەت ھوردىقى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • توك ئارقىلىق قىزىتىدىغان تىزلىق
    توك ئارقىلىق قىزىتىدىغان تىزلىق
  • توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
    توكلۇق شورتۇز گىرىلكا
  • پۇتنى قىزىتىپ داۋالاش ساندۇقى
    پۇتنى قىزىتىپ داۋالاش ساندۇقى
  • بويۇن، مۈرىنى قىزىتىپ داۋالاش
    بويۇن، مۈرىنى قىزىتىپ داۋالاش
  • توكقا چېتىپ قىزىتىدىغان بەللىك
    توكقا چېتىپ قىزىتىدىغان بەللىك
  • چاچ چۈشۈشنى توختىتىش سوپۇنى
    چاچ چۈشۈشنى توختىتىش سوپۇنى
  • تەمرەتكە يوقىتىش شاھى
    تەمرەتكە يوقىتىش شاھى
  • چاچ چۈشۈشنى توختىتىش سوپۇنى
    چاچ چۈشۈشنى توختىتىش سوپۇنى
  • ئىمپورت قىلىنغان قولتۇق ماي
    ئىمپورت قىلىنغان قولتۇق ماي
  • چاچ قارايتىش سوپۇنى
    چاچ قارايتىش سوپۇنى
  • ئاياللار مۇتەخەسىسى
    ئاياللار مۇتەخەسىسى
  • قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش ئىچىملىكى
    قان ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش ئىچىملىكى
  • ئاياللار تۇخۇمدان ياشارتىش گۆھىرى
    ئاياللار تۇخۇمدان ياشارتىش گۆھىرى
  • ھالە بى بى كۆكرەك گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى
    ھالە بى بى كۆكرەك گۈزەللەشتۈرۈش مەلھىمى

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号