• مەزى بېزى ئېلانى
  • خانىم-قىزلار
  • بۆرەك
  • ئېلان ئىسمى
  • دىئابېت كېسىلى
  • ئەرلەر كېسەللىكلىرى
  • ئاياللار كېسەللىكلىرى
  • بالىلار كېسەللىكلىرى
  • ئەيدىز كېسەللىكلىرى
  • ۋىتامىننىڭ رولى
  • مېۋە-چىۋىنىڭ شىپالىق رولى
  • خام دورىلار
  • ئۇيغۇر تىبابەت پىششىق دورىلىرى
  • گۆش، كۆكتات، ئىچىملىك، ماي
  • ھامىلدارلار ۋە بوۋاقلار
  • ھەرخىل ئىسسىقلىق مايلار
  • سۆڭەك كېسەللىكلىرى
  • نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى
  • بۆرەك كېسەللىكلىرى
  • تېرە كېسەللىكلىرى-چاچ چۈشۈش
  • سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش
  • جىگەر كېسەللىكلىرى
  • قەۋزىيەت-گېمروي كېسەللىكلىرى
  • ئۆت كېسەللىكلىرى
  • تال كېسەللىكلىرى
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • قۇلاق كېسەللىكلىرى
  • ئالقانغا قاراپ كېسەل كۆرۈش
  • كۆز كېسەللىكلىرى
  • ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى
  • يۈرەك، مېڭە، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى
  • مال تاپشۇرۋېلىش ئورۇنلىرى
  • مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
  • · تاقىر باش
  • · چاچ ئاقىرىش
  • · قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان چاچ چۈشۈش
  • · قۇرغاقلىق ۋە كىپەكلىشىپ چاش چۈشۈش
  • · چاچنىڭ مايلىشىپ چۈشىشىنىڭ داۋاسى
  • · چاچ چۈشۈش
  • · قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
  • · تېرىمىزگە ماس كېلىدىغان گىرىم بويىمى سېتىۋالايلى
  • · تېرىنى سىلىق قىلىش ئۈچۈن
  • · يۈز تېرىڭىزنى ئاسىراشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ
  • · ھەرخىل گىرىم بويۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تېرە ياللۇغى
  • · تېرىڭىز سەزگۈر بولسا....
  • · بۆرە چاقىسى
  • · ئاق كېسەلدىن ساقلىنىش
  • · قوتۇر كېسىلىنى داۋالاش
  • · يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق دانخورەكنى داۋالاش ئۇسۇلى
  • · يۈز تېرىسىنى ئاسىراشتىكى ياخشى ئادەتلەر
  • · سىفلىس
  • · چاشقان يارىسى
  • · يەلتاشما
  • · تۈك خالتا ياللۇغى
  • · ھۆل تەمرەتكە
  • · بەھەق
  • · دانخورەك
  • · باش تەمرەتكىسى
  • · بەلباغسىمان قوقاق
  • · نىمە ئۈچۈن سۆگەل پەيدا بولىدۇ
  • · ئاق كېسەل
  • · سۆگەلنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى
  • · يۈزىڭىزگە مېۋە چاپلىماڭ
  • · ماشىنا ھەيدىگەندە دېرىزىنى ئېچىپ قويۇش تېرە راكىنى پەيدا قىلىدۇ
  • · قىچىشقاق
  • · تېرە گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ ئەپچىل ئۇسۇللىرى...
  • · كالتە يوپكا كىيىش تېرە ياللۇغىنى شەكىللەندۈرىدۇ
  • · تەڭگىسىمان تەمرەتكە (قاسقاراقلىق تەمرەتكە)،(كالا تەمرەتكە)
  • · دانخورەكنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاشنى بىلەمسىز؟
  • · تېرە قىچىشىشقا سەل قارىماڭ
  • · تېرە ئاسراشتىكى ئالتە خىل سەۋەنلىك
  • · تېرە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى
  • · تېرە ئاستىغا قان چۆكۈش
  • · تېرىنىڭ قىچىشىشى كېسەللىكنىڭ بېشارىتى
  • · قارىداش كېسىلى
  • · سېزىم ئىشش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ
  • · كۆز ئەتراپىنى ئاپتاپتىن ساقلاش بۇيۇمىنى تاللاشتا...
  • · باش پىياز بىلەن كۆيۈك يارىسىنى داۋالىغىلى بولىدۇ
  • · ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
  • · تېرىڭىزنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ
  • · شوخلىنى پىشۇرۇپ يېيىش تېرىنى ئاسراشقا پايدىلىق
  • · پاشا چاققاندا
  • · تېرىڭىزنى ئاقارتماقچى بولسىڭىز
  • تەڭگىسىمان تەمرەتكە (قاسقاراقلىق تەمرەتكە)،(كالا تەمرەتكە)
    مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى يوللانغان ۋاقتى: 23:45 14-12-16 يازما ئاۋاتلىقى: 2201
    مەھسۇلات ئىسمى

    تەرىپى-ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەن تېرىسىنىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولىدىغان تىرە قېلىنلىشىپ، يىرىكلىشىش بىلەن كۇمۇش رەڭلىك قاتمۇ-قات بېلىق قاسراقسىمان تەڭگە قاسىراقچىلارنى پەيدا قىلىدىغان، قىچىشىدىغان، غەيرى نورمال تىرە مۈڭگۈزلىشىشنى ئاساس قىلغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇمسىز تىرە كېسەللىكى .

    تەڭگىسىمان تەمرەتكىنى كىلىنىكا ئالامىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئاددىي تىپلىق (يۇقىرىدا سۆزلەندى )،ئالاھىدە تىپلىق، يىرىڭلىق قاپارتقۇ تىپلىق، قىزىرىش تىپلىق، بوغۇم تىپلىق دەپ تۆت تۈرگە بولىنىدۇ .

    كېسەللىك سەۋەبى - بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس، شۇڭىلاشقا داۋالاش ئۈنۈمى بىر قەدەر تۆۋەن. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدە بىر قانچە خىل سەۋەبدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ قارالماقتا .

    1. خىلىتلار تەڭپۇڭسىزلىقى - ئاساسلىقى سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىن، قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشى، كۆيۈشى، بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشى، ھەرقايسى خىلىتلارنىڭ كۆيۈشىدىن پەيدا بولغان غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى رەئىس ئەزا ۋە بۆرەك خىزمىتىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ بەدەندە ئېلېكتىرولىتلار تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بولۇپمۇ تۇزلارنىڭ بەدەندىكى نورمال مىقدارى ئارتىپ كېتىپ تېرىلەردە ماددا ئالمىشىش بۇزۇلىدۇ .

    2. يېمەك - ئىچمەك ئامىلى - قاننى قىزىتقۇچى، قويۇلدۇرغۇچى، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى قاتارلىق يېمەك - ئىچمەكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن .

    3. ئىرسىيەت ئامىلى - ئەجدادلىرىدا بۇخىل كېسەللىك بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدۇ. گېن تەكشۈرگەندە ئاشكارا بويالغۇچى تەنچە تېپىلىدۇ.

    4.ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ياكى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

    5. ماددا ئالمىشىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى (ئاساسلىقى تېرىلەردىكى ماددا ئالمىشىش) يەنى ئاقسىل، ماي، شېكەر، تۇزنىڭ ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش روشەن دەرىجىدە ئىپادىلىنىدۇ .

    6. ئىچكى ئاجراتما خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى - قالقانسىمان بەز، توش بېزى، كۆپىيىش بېزى، جىنسى بەز، ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىقلاردىكى نورمالسىزلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ .

    7. يۇقۇملىنىش - كىلىنىكىدا بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى يۇقىرىقى نەپەس يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى، ياللۇغلىنىشى بۇ كېسەلنى قوزغايدۇ ۋە سەۋەب بولىدۇ. باشقا ئەزالاردىمۇ يۇقۇملىنىش يۈز بەرسە بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن .

    8. باشقا ئامىللار - سىرتقى زەخىملىنىش مۇھىت ئۆزگىرىشى، روھى-نېرۋا ئامىللار، سوغۇق ئۇتۇش، ھۆللۈك ئامىللىرى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك .

    پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى - بەدەن تېرىسىنىڭ ھەرقانداق ئورنىدا، ھەرقانداق ياش ۋە جىنستىكىلەردە پەيدا بولۇۋېرىدۇ، بولۇپمۇ باش، بويۇن، قۇلاق ئەتراپى، جەينەك، دۈمبە، قورساق، پاقالچاق، ئەۋرەت، توققۇز كۆز، بىلەك قىسىملىردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، تەرەققىي قىلغانسېرى ئومۇمىي  بەدەننى قاپلايدۇ، كۈز ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە كۆپ قوزغىلىدۇ، ياز پەسلىدە بىرئاز يېنىكلەيدۇ، قايتا-قايتا قوزغىلىپ تۇرىدۇ .

    ئالامىتى : ئاددىي تىپلىق - دەسلەپتە يەرلىك ئورۇن تېرىسىدە يىڭنە مىخ بېشى چوڭلۇقىدا چېگراسى ئېنىق بولغان يۇمىلاق سوقىچاق ياكى رومبا شەكىلدىكى ئۇششاق قىزىل ياكى قوڭۇر دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسۋە يۈزىنى كۇمۇش رەڭلىك قاتمۇ-قات بېلىق قاسرىقى سامان ئەسۋەلەر قاپلايدۇ، ئەسۋە ئەتراپىدىكى تىرىلەر يەڭگىل دەرىجىدە قىزىرىدۇ، ئەسۋە يۈزى قۇرغاق بولۇپ تارقىلىشى سىممېتىرىك بولىدۇ، داۋاملىق قىچىشىدۇ، قاشلىغاندىن كىيىن ئەسۋەلەر ئەتراپقا كېڭىيىپ قاسراقچىلار ئۆز ئارا تۇتۇشۇپ چېگراسىنى يوقۇتۇپ قېلىنلىشىپ توچكاسىمان، خەرىتىسىمان، ھالقىسىمان، جاراھەتسىمان تىرە ئەسۋەلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. زەخىم يۈزىدىكى قاسراقلار ئاسان تۆكىلىدۇ. زەخىم يۈزىدە بىر قەۋەت ھال رەڭ نېپىز پەردە ئوراپ تۇرىدۇ، بۇ پەردىنى ئېلىۋەتكەندە زەخىم يۈزىدە ئىنچىكە ئۇششاق قان توچكىلىرى كۆرىلىدۇ، بۇ ئادەتتە توچكىسىمان قاناش دېيىلىدۇ، بۇ مۇشۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى .

    تەڭگىسىمان تەمرەتكە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ دەۋرگە بۆلۈنىدۇ .

    1. ئەسۋىلەرنىڭ ئىلگىرىلەش دەۋرى - بۇ ئۆتكۈر قوزغىلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا تېرىلەرنىڭ سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىپ ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىدۇ، قىچىشىش كۈچىيىدۇ، قاشلاش ۋە غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغانلىقتىن ئەسلىدىكى تىرە زەخمىسىگە ئوخشاش زەخمىلەر كۆپىيىدۇ قاسراقچىلار تېخىمۇ قېلىنلىشىپ ئەتراپىدا روشەن ھالدا قىزىل داغلار پەيدا بولىدۇ .

    2. تۇراقلىق دەۋرى - بۇ دەۋردە كېسەلنىڭ تەرەققىياتى بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ ئەسلىدىكى تىرە زەخمىلىرىدىن باشقا يېڭى ئەسۋەلەر پەيدا بولمايدۇ ھەمدە ئەسلىدىكى تىرە زەخمىلىرى ئەتراپقا قاراپ كېڭەيمەيدۇ لېكىن يەرلىك ئورۇن قىچىشىدۇ .

    3. چېكىنىش دەۋرى (ياخشىلىنىش دەۋرى) - بۇ دەۋردە تىرە زەخمىلىرى نېپىزلىشىپ كىچىكلەيدۇ زەخىم رەڭگى ئاچ ئاق رەڭگىدە بولىدۇ .

    بوغۇم تىپلىق - بۇخىل تەمرەتكىدە ئاددىي تىپلىق تەمرەتكە زەخمىلىرى بولغاندىن سىرت بوغۇملاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىر قەدەر تىپىك بولىدۇ. بۇ خىل تىپلىق تەمرەتكە ئاز ئۇچرايدۇ. ھەرقانداق بوغۇمدا كۆرۈلىدۇ، شەكلى رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا ئوخشاش بولۇپ بوغۇملار ئېشىش، قىزىرىش، ئاغرىش، ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ .

    يىرىڭلىق قاپارتقۇ تىپى - بۇ يەرلىك ئورۇن ۋە كەڭ دائىرىلىك دەپ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. 1) يەرلىك - كىلىنىكىدا كۆپ كۆرىلىدۇ، بولۇپمۇ ئالىقان تاپان قىسمىدا كوپ كۆرىلىدۇ. باكتېرىيەسىز يىرىڭلىق قاپارتما پەيدا بولىدۇ. قاپارتمىنىڭ تېگى قىزىل ئاسان تېشىلمەيدۇ. تەخمىنەن ئۇن كۈندىن كىيىن قېتىشىپ قەقەچ باغلاپ كېپەكلىشىدۇ. بۇ جەريان دەۋرلىك ھالدا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. قىچىشىش ۋە ئاغرىش ئالامىتى كۆرىلىدۇ، تىرناقنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ قېلىنلاپ قالىدۇ. 2) كەڭ دائىرىلىك - كېسەللىك جەريانى يۇقىرىقىغا ئوخشاش پەيدا بولۇپ ئۆزئارا بىرىكىپ كېتىدۇ، تىرە يۈزىنى ئېنىق بولمىغان تەڭگىسىمان قاسراق ئوراپ تۇرىدۇ كۆپىنچە تېرىنىڭ قاتلىنىدىغان نېپىز ئورۇنلىرىدا كوپ كۆرۈلىدۇ. يەرلىك ئورۇن شەلۋەرەپ سىرغىما سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. ئېغىرلىرىدا توڭۇپ، تىترەش، ئاق قان دانچىلىرى يۇقۇرلاش، بوغۇملار ئاغرىش، قىزىش، ئومۇمىي بەدەن يېقىمسىزلىنىش، قاننىڭ چۆكۈش تېزلىكى يۇقىرىلاش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ .

    تىرە قىزىرىش تىپلىق - بۇ تىپتىكى تەڭگىسىمان تەمرەتكە كۆپىنچە ھەرىكەتچان دەۋرىدە بىلىپ-بىلمەي ئوتكۈر غىدىقلىغۇچى دورىلارنى ياكى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىچىدىن ياكى سىرتىدىن ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن تىرە زەخمىسى ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭىيىپ كېتىش ياكى تەرەققىيات دەۋرىنى كونترول قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ئېغىرلىشىپ كېتىشتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە تەڭگىسىما قاسراقچىلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ تۆكۈلۈپ پۈتۈن بەدەن تېرىلىرى قىزىرىپ تىرىلەر مۈڭگۈزلىشىدۇ. تېرىنىڭ كۆپ قىسمى بۇزۇلغانلىقتىن تېرىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك خىزمىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ. پۈتۈن تېرىگە يامراپ كېتىدۇ .

     دىياگنوزى - بەدەن تېرىسىدە كۇمۇش رەڭلىك تەڭگىسىما قاسراق بولۇش، توچكاسىمان قاناش بولۇش، تەكرار قوزغۇلۇشچانلىققا ئىگە بولغان تارىخى بولۇش. كېسەل قىش، ئەتىياز پەسىللىرىدە ئېغىرلىشىش، يازدا يەڭگىللىشىش ئەھۋالىغا قاراپ دىياگنوز قويۇلىدۇ .

     سېلىشتۇرما دىياگنوزى - 1) قىزىل گۈل رەڭلىك توپان ئەسۋىسىدىن. 2) مايلىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىدىن. 3) باش تەمرەتكىسىدىن. 4) سوزۇلما خاراكتېرلىك ھۆل تەمرەتكىدىن پەرىقلەندۇرىلىدۇ .

    داۋالاش : 1. داۋالاش پىرىنسىپى - 1) پەرھىز بۇيرۇلىدۇ. 2) سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىنىدۇ (كېسەللىك ماددىسى ۋە مىزاجىغا ماس بولغان مۇنزىچ-مۇسھىل بېرىپ بەدەن تازلىنىدۇ ) . 3) مەخسۇس دورىلار بىلەن داۋالىنىدۇ (قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئاغرىق پەسەيتكۇچى دورىلار قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ ) . 4) سىرتقى تەرەپتىن تېرىگە ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى، يۇمشاتقۇچى، قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە سىرتىدىن دورا سۈرتىلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا ئاپتاپقا قاقلاش ئىلىپ بېرىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە مەلھىمى كىبرىت، گۈل يېغى، قاپاق يېغى كىيىنكى مەزگىلىدە گۈل يېغى بىلەن ۋازلىن، سوپۇپھار تەييارلىنىپ بېرىلىدۇ .

    2. داۋالاش ئۇسۇلى - كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن كېسەللىك تىپىگە قاراپ داۋالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ. 1) قان خىلىتىنىڭ ئۇفىنەتلىنىشىدىن بولغان بولسا قان تازىلىغۇچى كاشكاپ دەملەپ بېرىلىدۇ. كىيىن ھارارەت پەسەيتكۈچى قان تازىلىغۇچى قايناتمىلادىن مەتبۇخ شاھتەررە بىر كۈندە ئۇچ ۋاخ 100 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ. قان تازلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئىتتىرفىل شاھتەررە، مەجۈنى ئوشبە، كۈندە ئىككى ۋاخ 15 گىرامدىن. سىرتىدىن رەۋغىنى كىبرىت كۈندە ئىككى قېتىمدىن سۈرتىلىدۇ. قىچىشىشنى پەسەيتىش مەقسىتىدە شاھتەررە، ئەمەن 25 گىرامدىن. چۆبچىن، خەشخەش 20 گىرامدىن. ئاق لەيلى ئۇرۇقى 15 گىرام ئىلىپ پاشۇيە قىلىنىدۇ. 2) سەپرا خىلىتىنىڭ غەيرىئى تەبىئىي ئوزگۇرىشىدىن بولغان بولسا كېسەللىك ماددىسىغا قارىتا مۇنزىچ بېرىپ مىزاج تەڭشەلگەندىن كىيىن مەتبۇخى ھىلىيلە بېرىپ ماددا تازلىنىدۇ. ئەگەر قان خىلىتىغا سەپرا خىلىتى قوشۇلۇپ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن پەيدا بولغان بولسا قان خىلىتىنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن بولغاننى داۋالاش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ. 3) بەلغىمى شورنىڭ تەسىرىدىن بولسا سەپرا بىلەن بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى قوشۇپ ئىشلىتىلىدۇ. ماددا پىشقاندىن كىيىن مەتبۇخى شاھتەررە بېرىلىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇپ ئىتتىرفىل شاھتەررە، قۇرسى كىبرىت، قۇرسى ئوشبە كۈنىدە ئىككى ۋاخ 7 دانىدىن، سىرتىدىن رەۋغىنى كىبرىت رەۋغىنى سىماب سۇرتىشكە بېرىلىدۇ. يۇيۇش ئۇچۇن شاھتەررە، پوستى خەشخەش 25 گىرامدىن، ئەفسەنتىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى 15 گىرامدىن، بىخسۇس، مامۇرانچىنى 10 گىرامدىن ئىلىپ پاشۇيە قىلىنىدۇ. 4) خىلتلارنىڭ كويۇشىدىن ھاسىل بولغان غەيرىئى تەبىئىي سەۋدا تەسىرىدىن بولغان بولسا بەلغەم بىلەن سەۋدانىڭ مۇنزىچىنى بىرىمىز، ماددا پىشقاندىن كىيىن مەتبۇخى ئەفتىمۇن بىلەن تازلىنىدۇ. ياكى ئايارەنجى لوخانزىيا كۈندە ئىككى ۋاخ بەش دانىدىن بېرىلىدۇ. ئاساسى داۋالىغۇچى دورىلاردىن قۇرسى شاھتەررە، قۇرسى ئوشبە، قۇرسى كىبرىت كۈندە ئىككى ۋاخ يەتتە دانىدىن بېرىلىدۇ. قىچىشىش پەسەيمىسە مەتبۇخى مائۇلجىبىن كۈندە ئىككى ۋاخ 100 مىللىمېتىردىن بېرىلىدۇ. سىرتىدىن رەۋغىنى كىبرىت، رەۋغىنى سىماب، مەلھىمى ئەمراز تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .

    يىرىڭلىق قاپارتقۇ تىپىدىكى تەڭگىسىمان تەمرەتكۇنى داۋالاش : بۇنىڭغا قارىتا بەلغەم بىلەن سەپرانىڭ مۇنزىچىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كىيىن مەتبۇخى ئەفتىمۇن بىلەن تازىلاش ئىلىپ بېرىلىدۇ. قۇرسى شاھتەررە، ھەببە شىڭگىرىپ، ھەببە شاھتەررە، شەربىتى ئوشبە قاتارلىقلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .

    قىزىرىش تىپلىق تەڭگىسىمان تەمرەتكۇنى داۋالاش : بۇنىڭغا قارىتا قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىگە قارشى دورىلار بىلەن سەپرانىڭ مۇنزىچى بېرىلىدۇ. شەربىتى ئوشبە، ئەرقى كاسىنە، بېرىپ قاننىڭ ئۇفۇنەتلىنىشى پەسەيگەندىن كىيىن ئاساسى داۋالىغۇچى دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ .

    بوغۇم تىپلىق تەگىسىما تەمرەتكۇنى داۋالاش : سەپرا بىلەن بەلغەمنىڭ مۇنزىچىنى بىرلەشتۈرۈپ بېرىپ ماددا پىشقاندىن كىيىن مائۇل جىبىن ۋە مەتبۇخى سورۇنجان بىلەن تازلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن قۇرسى سورۇنجان، قۇرسى شاھتەررە، قۇرسى چوبىچىن كۈندە ئىككى ۋاخ ئون دانىدىن ئىستېمال قىلىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ مائۇل ئۇسۇل، بۇزۇرى شەربىتى تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. سىرتىدىن رەۋغىنى سىماب بېرىلىدۇ. يۇيۇش ئۇچۇن سورۇنجان، ئادراسمان ئۇرۇقى، شاھتەررە مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ پاشۇيە قىلىنىدۇ .

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : 1) پەرھىز بۇيرۇش - غىدىقلىغۇچى، قاننى قىزىتقۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، تەستە سىڭىدىغان، تاتلىق، مايلىق، تۇزلۇق، ئاچچىق چۈچۈك يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا دەرمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش. ئاسان سىڭىدىغان سۇيۇق، لەتىف، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان ساپ قان پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش لازىم. 2) يەرلىك ئۇرۇن ۋە ئومۇمىي بەدەن تازىلىقىنى ياخشىلاش لازىم. يەرلىك ئۇرۇندىكى قاسراقچىلارنى قول بىلەن قالايمىقان سويىۋەتمەسلىك لازىم. بەدەن سوپۇنى ئىشلەتمەسلىك. مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش لازىم. 3) زۇكام ۋە بادامسىما بەز ياللۇغى بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. 

    ئەڭ يېڭى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى
  • ماكا بۆرەك قۇۋەتلەش تابلىتى
    ماكا بۆرەك قۇۋەتلەش تابلىتى
  • كۈچەيتىلگەن چۈمۈلە ماي
    كۈچەيتىلگەن چۈمۈلە ماي
  • تەبىئىي بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى
    تەبىئىي بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى
  • مەزى بېزى كاپسولى
    مەزى بېزى كاپسولى
  • قارا كۈنجۈت قۇۋۋەت تالقىنى
    قارا كۈنجۈت قۇۋۋەت تالقىنى
  • سۇلۇ قۇۋۋەت تالقىنى
    سۇلۇ قۇۋۋەت تالقىنى
  • دىئابېت چېيى
    دىئابېت چېيى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
    قان شېكەر ئۆلچەش ئاپىراتى
  • ئىمپورت قىلىنغان قولتۇق ماي
    ئىمپورت قىلىنغان قولتۇق ماي
  • بوي ئۆستۈرۈش تابلىتى
    بوي ئۆستۈرۈش تابلىتى
  • ئاشقازاننى ياخشىلاش كاپسۇلى
    ئاشقازاننى ياخشىلاش كاپسۇلى
  • ئورۇقلىتىش چېيى
    ئورۇقلىتىش چېيى
  • سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
    سۆڭەك ياشارتىش كاپسولى
  • كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
    كالىتسىي ۋە ماگنىي تولۇقلاش تابلىتى
  • ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
    ۋىتامىن D يۇمشاق كاپسۇلى
  • ۋىتامىن B تابلىتى
    ۋىتامىن B تابلىتى
  • ۋىتامىن C تابلىتى
    ۋىتامىن C تابلىتى
  • تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
    تەبىئىي ۋىتامىن E يۇمشاق كاپسۇلى
  • ئەۋرەت ھوردىقى
    ئەۋرەت ھوردىقى
  • كۆز ئاسراش كۆز ئەينىكى
    كۆز ئاسراش كۆز ئەينىكى
  • كىچىك تارازا
    كىچىك تارازا
  • بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
    بويۇن ئومۇرتقىسىنى كۆتۈرۈش يەل خالتىسى
  • ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
    ياپۇنىيە قان بېسىم ئۆلچەش ئاپىراتى
  • يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    يۈۋېل ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ياپۇنىيە ئوكسىگىن ماشىنىسى
    ياپۇنىيە ئوكسىگىن ماشىنىسى
  • 5 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
    5 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
  • 3 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
    3 لىتىرلىق ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ئاپتۇماتىك ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
    ئاپتۇماتىك ئوكسىگىن ئىشلەش ماشىنىسى
  • ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان بەللىك
    ئۆزلىكىدىن قىزىيدىغان بەللىك
  • پۇتنى قىزىتىپ داۋالاش ساندۇقى
    پۇتنى قىزىتىپ داۋالاش ساندۇقى
  • بويۇن، مۈرىنى قىزىتىپ داۋالاش
    بويۇن، مۈرىنى قىزىتىپ داۋالاش
  • توكقا چېتىپ قىزىتىدىغان بەللىك
    توكقا چېتىپ قىزىتىدىغان بەللىك
  • توك ئارقىلىق قىزىتىدىغان تىزلىق
    توك ئارقىلىق قىزىتىدىغان تىزلىق

  • ھەمىدە خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

    شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com

    ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)

    ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号 新公网安备 65010202000460号