تۇنۇش : سەپرادىن بولغان يۆتەل-ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن سەپرا خىلتى غەيرى-تەبىئى ئۆزگىرىپ كېلىنكىدا يۆتۇلۇش،سېرىق رەڭلىك بەلغەم تۇكۇرۇش،چىرايى قىزىش،كۆپ ئۇسساش قاتالرىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى : بۇ خىل يۆتەل ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە تەۋە بولۇپ بۇنىڭدىمۇ ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلنىڭ سەۋەبىدىن باشقا يەنە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى : بىمار كۆپ ئۇسسايدۇ، ئېغىز ئىچى قورغاق بولۇپ سوغۇق ھاۋا ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەردىن راھەت ھس قىلىدۇ. ئىسسىق ھاۋا ۋە قۇرۇق ئىسسىق يېمەكلىكلەر يۆتەلنى كۇچەيتىۋىتىدۇ. بىمارنىڭ چىرايى قىزارغان بولۇپ ئاز مىقداردا سېرىق رەڭلىك بەلغەم چىقىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى : كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا قارىتا مۇنزىچ،مۇسھىل بېرىلىدۇ، ئۇندىن باشقا يۆتەل پەسەيتكۇچى دورىلار تاللاپ بېرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号