سىزنىڭ جىررىمىينىڭ زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىنى داۋالاشقا چوڭ ياردەم قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتماقچىمەن. ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن جىررىمىي ئۈچ يىلدىن بېرى ئېغىر تىپتىكى زىيادە سېزىمچان بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئازابىنى تارتىپ كەلگەنىدى. دائىم زۇكامداپ يۆتىلىپ قالاتتى. بۇ ئۇنىڭ زىققە كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
1995-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بىز سۇ تولۇقلاپ داۋالاشنى باشلىدۇق. تاماق يېيىشنىڭ ئالدىدا ۋە چېنىقىشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچكۈزدۇق، باشقا ئىچىملىكلەرنى ئىچكۈزمىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ تامىقىغا چاي قوشۇقىدا يېرىم قوشۇق تۇز سېلىپ بەردۇق. بۇنىڭ بىلەن سۇ ۋە تۇزنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنى ئويلىدۇق.
3-4 كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ىېلى ياخشىلاندى. بەلغەم ئازايدى. يۆتىلىشىمۇ ئاساسەن توختىدى. چۈشكۈرۈك قاتارلىق زىيادە سېزىمچانلىق ئالامەتلىرىمۇ پۈتۈنلەي يوقىدى. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا دىفىن ھىدرامىن ۋە كانايچىنى كېڭەيتكۈچى دورىلارنى بېرىشنى توختىتىپ، سۇ ئارقىلىق داۋالاشنى داۋاملاشتۇردۇق. جىررىمىي سۇ تولۇقلاپ داۋالانغان تۆت ھەپتىدىن بېرى دورا يەپ باقمىدى. لېكىن سالامەتلىك ئەھۋالى شۇنداق ياخشى. ئۇنىڭدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىلىپ، تولۇق ئەسلىگە كەلدى. دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان خامۇشلۇق يوقالدى. ئۇنىڭ روھىي كەيپىياتىمۇ ياخشى، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.
دېمەكچى بولغىنىم، بۇ خىل داۋالاش جىررىمىيغا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بەردى. مەن سىزنىڭ بۇ خىل ئاددىي، ئەمما ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىڭىزنى كۆپچىلىككە ئېيتىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىزنىڭ جىررىمىي ئۈچۈن بۇ يېڭى داۋالاش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىڭىزگە يەنە بىر قېتىم سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. سىزگە كۆپ رەھمەت!
سىلەر كرىستوف دوختۇرنىڭ خېتىدە ئوقۇغىنىڭلاردەك، ئۇنىڭ ئوغلى زىققە كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئېيتىپ ئۆتكەن ئىككى خىل دورىنى يېگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى نورمال قىممەتنىڭ %60 گىلا باراۋەر بولغان. تۇز ۋە سۇ ئارقىلىق داۋالاپ بىر ئاي ئىچىدىلا ئۆپكە سىغىمچانلىقى نورمال چەكنىڭ %120 گە باراۋەر بولغان. دورا يېمەي يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى زور دەرىجىدە كۈچەيگەن.
ئەيلۇن بۇ يىل ئون ياشقا كىردى. زىققە كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئۇ بەش خىل ئوخشىمىغان دورىنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ ئېيتىشىچە: <<ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن بالىغا دوختۇرنىڭ رېتسېپى بويىچە دورىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يېگۈزۈش ھەقىقەتەن تەس ئىكەن. ئۇ دورىنى ئىككى كۈن يېگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بېشى ئاغرىپ، روھسىزلىنىپ، كەيپىياتى چۈشۈپ روھىي ھالىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتتى. نۇرغا نىسبەتەن زىيادە سېزىمچان بولۇپ قالدى.>>
ھازىر جىررىمىي ۋە ئەيلۇن ھەر ئىككىسى دورا يېيىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدى. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال ئىدى.
1995-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى پاۋلو. خارۋىي ئاخبارات رادىئو ئىستانسىسى تۇنجى قېتىم تۇز ۋە سۇنىڭ زىققە كېسىلىنى داۋالىيالىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەندىن بۇيان، بۇ خىل يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بىز پەقەت بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە زىققە كېسىلىدىن ئىبارەت بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلۇشىمىز تامامەن مۇمكىن. كىشىلەرنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىش كېسىلىگە بولغان تونۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى، نەچچە مىليون ئۆسمۈر بۇ كېسەلنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. بۇ ئۆسمۈرلەر (بالىلار) زىققە كېسىلىدىكى نەپەس قىيىنلىشىشنىڭ بەدەندە سۇ كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشىنىشى زۆرۈر.
كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەرگەندە زىققە كېسىلىنى داۋالىغىلى ۋە قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. جىررىمىي ۋە ئەيلۇننىڭ مىسالىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ خىل ئۇسۇلىنى زىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 12 مىليون ئۆسمۈرگە كېڭەيتىشكە بولىدۇ. شۇ چاغدا كىشىلەر سۇسىزلىنىش سەۋەبىدىن نەپەس ئېلىش قىيىن بولغان، ھەتتا بۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بۇ بالىلارنى زىققە كېسىلىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقايدۇ.
پەقەت كۆپچىلىك كۈچ چىقىرىشنى خالىسىلا، ئاخبارات ۋاستىلىرى سۇنىڭ زىققە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا ياردەم قىلسىلا، تېببىي ساھەنىڭ يېتىشسىزلىكى ۋە داۋالاش ئىشلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئەنە شۇ بىگۇناھ بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇۋالالايمىز!
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号