تونۇش: ئۆپكىنىڭ ئۆز توقۇلمىلىرىدا ئىپتىدائى راك ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە شاخ كاناينىڭ ئىچكى پەردىلىرىدە ۋە ئۆپكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۇششاق شاخچە كانايدا يۈز بىرىدىغان بىر خىل قورقۇنچلۇق خەۋپلىك كېسەلدۇر.
سەۋەبى؛ قەدىمكى ھۆكۈمالار غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىدىن، سەپرا خىلىتىنىڭ كۆيۈشىدىن، قاننىڭ كۆيىشىدىن (بۇزۇلىشىدىن) بولىدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۆپكە ھەر خىل ھاۋانى ئۆزىگە سۈمۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن، شۇنداقلا غىدىقلىنىش كۆپ بولىدۇ. تۈرلۈك غىدىقلىغۇچى ۋە بۇس- بۇخارالار ۋە چاڭ- توزاڭلارنىڭ، باشقا زەھەرلىك گازلارنىڭ ھاۋا بىلەن قوشۇلۇپ نەپەس يوللىرىغا كىرىشى، ئۇزاق ۋاقىت تاماكا چېكىش ئۆپكە سىرتانىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنى تېزلىتىش مۇمكىن. ئۆپكىدىكى كونا زاتىل كېسەللىكى، ئۆپكە سىلى، ئۆپكە ئاتىشەكى قاتارلىقلارنىڭ راكقا ئايلىنىش ئېھتىمالى ناھايىتى چوڭ. ئۇنىڭدىن باشقا بەدەندە غەيرىي تەبىئىي خىلىت قاننىڭ مىزاجىنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىدىن ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكتىن يەرلىك قان ئايلىنىشى بۇزۇلۇپ بۇ كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
ئالامىتى:
1) ئەسلىدىكى ئۆسمە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالامەتلەر:
(1) ھۆتۈلۈش: غىدىقلىنىش خاراكتېرىدىكى ھۆتەل (قۇرۇق) ياكى ئاز مىقداردىكى يېپىشقاق بەلغەم تۈكۈردى.
(2) قان تۈكۈرۈش: راك ئۆسمىسىنىڭ قان تومۇرلار مول بولغاچقا ئاسانلا قان تۈكۈرۈش كۆرۈلدى.
(3) دەم سىقىلىش، راك ئۆسمىسى شاخچە كاناينىڭ مەلۇم قىسمىنى توسۇۋالغانلىقى كۆرۈلىدۇ.
(4) كۆكرەك سىقىلىش: راك ئۆسمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان شاخچە كانايچە تارىيىشىدىن كېلىپ چىققان.
(5) بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش.
(6) قىزىش: راك ئۆسمىسى چىرىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان.
2) ئۆسمە مەلۇم دائىرىدە كېڭەيگەندىن كېيىنكى ئىپادە:
(1) كۆكرەك ئاغرىش: %30 ئۆسمە بىۋاسىتە كۆكرەك پەردىسى، قۇۋۇرغا ۋە كۆكرەك دىۋارىغا تارايدۇ شۇڭا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كۆكرەك ئاغرىش كۆرۈلىدۇ. تىقىلىپ ئاغرىش ۋە سانجىلىپ ئاغرىش كۆرۈلىدۇ.
(2) نەپەس قىينلىشىدۇ: ئۆسمە چوڭ نەپەس يولىنى باسقانلىقى ئۈچۈن شۈمۈرۈش خاراكتېرلىك نەپەس قىيىنلىشىش كۆرۈلىدۇ.
(3) يۇتۇش قىيىنلىشىش: ئۆسمە قىزىل ئۆڭگەچكە تاراپ باسقانلىقى ئۈچۈن يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ.
(4) ئاۋاز پۈتىدۇ: راك ئۆسمىسى ئاۋاز پەردىسىنى باسقانلىقى ئۈچۈن ئاۋاز پۈتىدۇ.
(5) راك ئۆسمىسى يۇقارقى بوشلۇق ئارتېرىيە تومۇرنى باسقانلىقى ئۈچۈن قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراپ يۈز قىسم، بويۇن ۋە يۇقارقى مۈچىلەردە ئىششىق ۋە كۆكرەك ئالدى رايونىدا قان ئۇيۇش، تومۇرلار كۆپۈشۈشنى كەلتۈرۈپ باش ئاغرىش، بېشى ئىسىلىش ۋە ئايلىنىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. باشقا ئەزالارغا يامرىغاندا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
داۋالاش:
1.ئاغرىقنى يەڭگىللىتىش، بوشاتقۇچى، ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار بىرىلىدۇ. بەدەندە ئۆزگەرگەن خىلىتكە ئاساسەن ھۈنرىج، مۇسلىل بىرىپ تازىلىنىدۇ.
2.بەدەننى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن يەرلىك قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ئېلىپ بىرىلىدۇ.
3. قاننى تازىلاپ، جاراھەتنى پۈتتۈرۈش ئېلىپ بىرىلىدۇ.
4. بەدەندە يىرىڭلىق قان پەيدا قىلىش ئېلىپ بارىدۇ.
5. بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، راك ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش مەسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بىرىلىدۇ
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号
新公网安备 65010202000460号